ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

غەربكە ئېچىۋېتىشتە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقى ئاچتى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-29 15:01

3-ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا دەل ھاۋا بىردەم ئىسسىپ، بىردەم سوۋۇپ تۇرىدىغان مەزگىل، نۇرغۇن جايدا قار-مۇزلار تېخى تولۇق ئېرىمەي تۇرۇپلا، ساياھەتچىلىكنىڭ «باش باھارى» ئالدىن يېتىپ كەلدى. باش باھاردىكى ساياھەت تۈرلىرى ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن چېگرادىن كىرىش-چىقىش ساياھىتى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بىر تۈر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ چېگرادىن كىرىش ساياھىتىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز ۋە ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، جۇڭگومۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ساياھەت بازىرىدىكى ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبەسى دۆلىتى بولۇپ قالدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولغان جۇڭگو شىنجاڭ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا تېز قەدەم قويدى.

قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىپ «باش باھار»نى كۈتۈۋېلىش

بۇ يىلقى باھار چېڭ شۈلۇڭ ئەڭ ئالدىراش بولغان باھار بولدى.

چېڭ شۈلۇڭ شىنجاڭ چۇنچيۇ جىلۈ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى. ئەنئەنىۋى ساياھەتنىڭ كاسات، ئاۋات مەزگىلى بويىچە ئېيتقاندا، 3-ئاي نىسبەتەن بىكار ۋاقىت ئىدى، ئەمما بۇ يىل پۈتۈنلەي باشقىچە بولدى، باھار بايرىمىدىن كېيىن ئۇ ئاساسەن بىكار بولۇپ باقمىدى، شىنجاڭ ئىچىدە ساياھەت قىلىش، دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىدى... بىر مەھەل ئالدىراش بولغاندىن باشقا، يەنە چەت ئەلگە چىقىدىغان بولدى.

«مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى ئالمۇتاغا بارىمەن، ئاندىن تاشكەنتكە بارىمەن.» 24-مارت. تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ساياھەت سودىگەرلىرى سېتىۋېلىش يىغىنىدا، چېڭ شۈلۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىندا چۈنچيۇ جىلۈ ساياھەت كوپىراتىپى مەنزىرە رايونى، مېھمانساراي، يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىل ئەترىتى قاتارلىقلار بىلەن زور بىر تۈركۈم كېلىشىم ئىمزالىدى، شىركىتىمىز قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا شۆبە شىركەت تەسىس قىلغان، بۇ يىل ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ساياھەت بازىرىدا كارامىتىمىزنى كۆرسىتىمىز، «بىزنىڭ بۇ يىلقى نىشانىمىز 10 مىڭ جۇڭگولۇق ساياھەتچىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە ساياھەتكە ئاپىرىش. بۇلتۇر 3000 ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇ يىل چوڭ مۇھىت تېخىمۇ ياخشى، بىزمۇ تەييارلىقنى تېخىمۇ تولۇق قىلدۇق».

بۇ يىل باھاردا، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى نۇرغۇن زاتلار تەرەققىيات نەزەرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە قاراتتى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى چېگرادىن كىرىش-چىقىش ساياھىتى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ شىيۈ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى، شىنجاڭ بيەنجياڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىقلار سودا ساياھەت ئۆمەكلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن كۈتۈۋالدى، شىنجاڭ داشىبۇ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا چېگرادىن چىقىش ساياھەت ئۆمىكىدىن ئۈچنى قازاقىستانغا بېرىشقا تەشكىللىدى.

ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»ى داۋاملىق قىزىپ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان «باش باھار»نى يارىتىدۇ.

ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقى ئېچىش

«گەرچە جۇڭگو شىنجاڭ . ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقىدىكى چەت ئەللىك ساياھەت سودىگەرلىرى تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ساياھەت سودىگەرلىرى سېتىۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۇلارغا شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بۇ يىل يېڭىدىن يولغا قويۇلغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت لىنىيەلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ بەردۇق. ھازىر، تۈرلۈك ئالماشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ فېڭ. تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ساياھەت سودىگەرلىرى سېتىۋېلىش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتى ھەم جۇڭگو شىنجاڭ . ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، جۇڭگو شىنجاڭ . ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنى بۇ جەمئىيەت باش بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىي جەمئىيىتى، كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ 2023 - يىلى 6 - ئايدا قۇرغانىدى.

ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىش، سۆھبەت يىغىنى ۋە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈش، ساياھەت لىنىيەسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش، ئۆزئارا ساياھەتچى يەتكۈزۈش... گەرچە قۇرۇلغىنىغا تېخى بىر يىل بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىتتىپاقنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى قويۇق ۋە جانلىق قانات يايدۇرۇلدى. «ئىتتىپاق جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ساياھەت كارخانىلىرى ئارىسىدىكى ساياھەت بايلىقىنى ئۆزئارا تەشۋىق قىلىپ كېڭەيتىدىغان، ساياھەتچىلەرنى ئۆزئارا ئەۋەتىدىغان، كەسىپ تەتقىقاتىنى كۈچەيتىدىغان سۇپا بولۇپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى توغرا كەسىپ ئۇچۇرى ۋە تەكلىپ بىلەن تەمىنلەپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ» دېدى ۋۇ فېڭ.

جۇڭگو شىنجاڭ . ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، خەلقلىرىنىڭ رىشتى تۇتاش. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك رامكىدىكى ساياھەت ساھەسى ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلدى، كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ھەمكارلىق چوڭقۇرلۇقى، كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، ھەر تەرەپلىمە، كەڭ ساھەلىك، كۆپ يوللۇق ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندى. بولۇپمۇ 2023-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت-ساياھەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، بىر قاتار ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

2023-يىلى، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندا «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتنى كېڭەيتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ ئۆمەك تەشكىللەپ قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، شۇ جايدىكى ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، بىر تۈركۈم «جۇڭگو شىنجاڭ + ئوتتۇرا ئاسىيا» ساياھەت يېڭى لىنىيەسى، يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ شىنجاڭدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ئۆمىكى تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە ساياھەتكە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت تەشكىللىگەن ئۆمەكلەر ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى، «گۈزەل جۇڭگو، جۇڭگودىكى بايقاش سەپىرى»، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت فوتو سۈرەت يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

بۇ يىل 2-ئايدا، قازاقىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە شىنجاڭدا ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە بايلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. قازاقىستاننىڭ نۇرغۇن ساياھەت كارخانىسى يىراقتىن كېلىپ ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كارخانىلىرى بەس-بەستە ئۇدۇللاشتى، 300 ئادەم سىغىدىغان يىغىن مەيدانى ئادەم بىلەن لىق تولدى، ئۇدا ئۈچ قېتىم ۋاقىتلىق ئورۇندۇق كۆپەيتىلدى، بۇنىڭدىن ئىككى دۆلەت ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىش قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بىر يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ كەلگۈسىنى يارىتىش

كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى چاستوتىلىق مەدەنىيەت-ساياھەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق قاتارلىق مېخانىزملارنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىر يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەش قەدىمىنى تېخىمۇ پۇختىلىدى.

2023-يىلى، شىنجاڭ جەمئىي كۈتۈۋالغان چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچى تەخمىنەن 3 مىليون 530 مىڭ ئادەم قېتىم، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچى 1 مىليون 821 مىڭ ئادەم قېتىم، قازاقىستاندىن چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچى 1 مىليون 708 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2023-يىلى قازاقىستانغا بارغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر سانىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. «ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگوغا چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلغانلار ئەڭ تېز ئاشقان ۋە يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور رايونلارنىڭ بىرى، جۇڭگومۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ساياھەت بازىرىدىكى ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبەسى دۆلىتى، ئىككى تەرەپ ساياھەت بايلىقىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى كەسىپ تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ ۋېن مۇنداق بىلدۈردى: ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش بازىرىدا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل ئۆرلىدى، ئۇ جۇڭگو شىنجاڭ ھەتتا دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەر چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشتا ئالدىن تاللايدىغان جاي بولۇپ قالدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ ساياھەتچىلىك جەھەتتە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ساياھەت كوپىراتىپى، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت بازىرىنى ئېچىشىنى قوللاش بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت كارخانىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جەلپ قىلىپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، چېگرا ساياھىتى سىناق رايونى ۋە چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىقى رايونى بەرپا قىلىشىنى قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى يەنىمۇ بېيىتىدۇ − جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ چېگرا ھالقىغان ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ساياھەت پويىزى ماڭغۇزۇش قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. جۇڭگو «قازاقىستان ساياھەت يىلى» ھەمدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتنى كېڭەيتىش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىدۇ. «بىز يەنە ساياھەت بازىرى مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، <شىنجاڭ ياخشى جاي> دېگەن نام كارتىسىنى جۇلالاندۇرۇپ، دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەتچىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىشكە، شىنجاڭنى چۈشىنىشكە، شىنجاڭنى ياقتۇرۇپ قېلىشقا جەلپ قىلىمىز» دېدى تاڭ ۋېن.

ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى تېخىمۇ ئۇلۇغۋار، كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئاچماقتا.

«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرى شىنجاڭنىڭ سودا ساياھىتى، داۋالىنىش-كۈتۈنۈش ساياھىتى، تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتى قاتارلىقلارغا ناھايىتى قىزىقىدۇ، بىز 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو شىنجاڭ . ئوتتۇرا ئاسىيا ساياھەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تايانچ ئەزالىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا لىنىيە ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، بازاردا جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتنى ئېچىپ، ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىدۇق» دېدى ۋۇ فېڭ.

بۇلتۇر، شىنجاڭ چۇنچيۇ جىلۈ ساياھەت كوپىراتىپى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتكەن ساياھەت ئۆمىكىدىكى %80 ساياھەتچى شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن. چېڭ شۈلۇڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى، بىز <شىنجاڭ ئىچىدە ساياھەت قىلىش+چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش> تىن ئىبارەت كۆپ خىل لىنىيە مەھسۇلاتىنى لايىھەلىدۇق.» بۇلتۇر، ئۇنىڭ يېرىم يىل ۋاقتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئۆتكەن بولۇپ، بۇ يىل تېخىمۇ ئۇزاق تۇرىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

غەربكە ئېچىۋېتىشتە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقى ئاچتى

3-ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا دەل ھاۋا بىردەم ئىسسىپ، بىردەم سوۋۇپ تۇرىدىغان مەزگىل، نۇرغۇن جايدا قار - مۇزلار تېخى تولۇق ئېرىمەي تۇرۇپلا،