ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مال باھاسى، ھاجەتخانا، ساياھەت ئۆمىكىگە ئىگە بولماسلىققا دائىر ئۈچ چوڭ مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەيدۇ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-29 15:33

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مال باھاسى، ھاجەتخانا، ساياھەت ئۆمىكىگە ئىگە بولماسلىققا دائىر ئۈچ چوڭ مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەپ، يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش، داڭلىق ماركا تەسىر كۈچى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئالتە چوڭ تەرەپنى چۆرىدەپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ئىناۋىتى ۋە تەسىر كۈچىنى سىجىل ئۆستۈرىدىكەن. 

  مەخسۇس تۈزەشتە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى، يېمەك-ئىچمەك، ياتاق قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئىستېمالچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتى قوغدىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلىشتىكى ئۇنىۋېرسال يۈكى مۇۋاپىق يېنىكلىتىلىدۇ؛A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەت ھاجەتخانىسى سېلىش سەۋىيەسى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى «قاتتىق كۆرسەتكۈچ» قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن 171 ساياھەت ھاجەتخانىسى سېلىپ، 510 كونا ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى بويى، S101 لىنىيەسى بويى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، قاناس مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارغا 280دىن كەم بولمىغان كۆچمە ھاجەتخانا (قۇراشتۇرما ھاجەتخانا)نى جانلىق كۆپەيتىدۇ؛ نۇرغۇن تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، «ساياھەت ئۆمىكىگە ئىگە بولماسلىق»قا ئالاقىدار ئەرز قىلىش، پاش قىلىش يىپ ئۇچى ۋە نامۇۋاپىق تۆۋەن باھادا ساياھەت قىلىش، ساختا تەشۋىقات قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ؛ ئالدامچىلىق ياكى مال سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ساياھەت مال سېتىۋېلىش سورۇنلىرىنىڭ تىجارەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك، ئازادە ئىستېمال مۇھىتى يارىتىدۇ. 

  ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئالتە چوڭ جەھەتتىن ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىدە يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، يېمەك-ئىچمەك بازىرى تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ؛ ساياھەت مېھمانخانا كەسپىنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ دەرىجىسى ئاشۇرۇلىدۇ؛ ساياھەت يولۇچى تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت بازىرى تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ساياھىتىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» ماركىسىنى يارىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ خەلقئارا بازارغا يۈزلەنگەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئېچىلىدۇ؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كۈچەيتىلىپ، ساياھەتچىلەر ئەلا سۈپەتلىك، بىخەتەر ساياھەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

  بۇ يىل، شىنجاڭ يەنە «مەدەنىيەت ـ ساياھەتنى ھېس قىلىش خادىمى» تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت-ساياھەتنى ھېس قىلىش خادىملىرىنى ئىختىيارىي يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ ھېس قىلىشقا ئەۋەتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پائال تۈرتكە بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مال باھاسى، ھاجەتخانا، ساياھەت ئۆمىكىگە ئىگە بولماسلىققا دائىر ئۈچ چوڭ مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەيدۇ

مەخسۇس تۈزەشتە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى، يېمەك ـ ئىچمەك، ياتاق قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئىستېمالچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتى قوغدىلىپ،