ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا تۇنجى «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلەك ئېچىلدى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 14:02

  16-ئاپرېل، شىنجاڭدا «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلەك ئېچىلدى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىن تۇنجى تۈركۈمدە 126 كارخانا بۇ بۆلەككە كىردى. بۇ مەملىكەت بويىچە بۆلەك قۇرۇش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن 17 «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلەكنىڭ بىرى، شۇنداقلا غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلەك.

  «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلەك «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پاي ھوقۇقى بازىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرى مەخسۇس بۆلىكى. 2023-يىلى 22-دېكابىر، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلەك قۇرۇلۇشى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 2-تۈركۈمدىكى رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى بۇ تىزىملىككە كىردى. شىنجاڭ «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى، بىڭتۇەن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى، شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى تەييارلىق قىلىپ قۇردى.

  شىنجاڭنىڭ «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلىكى مەۋقەنى شىنجاڭ ئىچىدىكى «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە قويۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، مەيدان سىرتىدىكى بازار ئالاھىدىلىكى ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇل مۇلازىمەت سىستېمىسى، ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسى، پېيىنى بازارغا سېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېتىلدۈرۈش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلىپ، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىشقا كۈچ قوشۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلىكى ئاساسلىقى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلار، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى فوندىغا مەبلەغ سالغان كارخانىلار، خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش فوندىغا مەبلەغ سالغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، شۇنداقلا باشقا «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياكى مۇناسىپ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە كارخانىلارغا يۈزلىنىدۇ.

  مەخسۇس بۆلەك كارخانىلىرى شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، پاي ھوقۇقىنى تىزىملاپ ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، پېيىنى بازارغا سېلىپ يېتىلدۈرۈش قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت مەدىتىگە ئېرىشىدۇ ھەم يېڭى ئۈچ بۆلەكتە ۋىۋىسكا ئېسىش «يېشىل يولى»دىن بەھرىمەن بولىدۇ، مەملىكەت بويىچە پاينى ئۆتۈنۈپ بېرىش شىركىتى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن مەسلىھەت بېرىش، ئالدىن قوبۇل قىلىش، تېز تەكشۈرۈش قاتارلىق مەخسۇس قوللاش تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش، ۋىۋىسكا ئېسىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، مەخسۇس بۆلەك كارخانىلىرى يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار يۈرۈشلۈك سىياسەت مەدىتىگە ئېرىشىدۇ. «ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش، يېتىلدۈرۈش ھەرىكەت پىلانى»غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلىكىدىكى «قېلىپلاشقان قاتلام» «يېتىلدۈرۈش قاتلىمى»غا كىرگەن كارخانىلارغا بىر قېتىمدىلا 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتلىق ياردەم تولۇقلىما مەبلىغى بېرىشنى پىلانلىدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشنى يېتىلدۈرۈش سىياسىتى بويىچە، تۇنجى قېتىم پېيىنى بازارغا سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ۋە تۇنجى قېتىم پېيىنى بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاپشۇرغان «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» كارخانىلارغا باسقۇچقا بۆلۈپ 500 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگىچە پېيىنى بازارغا سېلىش سىياسىتى بويىچە ياردەم پۇل مەبلىغى بېرىلىدۇ.

  بۆلەككە كىرگەن كارخانىلارغا قارىتا، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى يېتىشتۈرۈش قاتلىمى، قېلىپلاشتۇرۇش قاتلىمى، يېتىلدۈرۈش قاتلىمى بويىچە قاتلامغا بۆلۈپ باشقۇرۇپ، پەسىل بويىچە بۆلەككە كىرىدۇ، قاتلام-دەرىجە بويىچە تەڭشەيدۇ، ئىجازەت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى بار كارخانىلارنى چېكىندۈرىدۇ.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى شىنجاڭ داشۆ سودا شۆيۈەنى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىسى (تېخنىكا) سودا مەركىزى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، «ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان ئاسپىرانتلارنى بىرلىشىپ تەربىيەلەش بازىسى» «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىسى (تېخنىكا) كاپىتال بازىرى مۇلازىمەت بازىسى»نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىگىلىك باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، مەسلىھەت بېرىش، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سودىسى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەسلىھەتچىلىكى ۋە تېخنىكا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شۇ كۈنى، شېنجېن ئاكسىيە سودا ئورنى، شاڭخەي ئاكسىيە سودا ئورنى، بېيجىڭ ئاكسىيە سودا ئورنى ۋە مەملىكەت بويىچە پاينى ئۆتۈنۈپ بېرىش شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بۆلەككە كىرگەن كارخانىلارنى مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلىدى ھەم پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان كارخانىلارغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا تۇنجى «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلەك ئېچىلدى

16-ئاپرېل، شىنجاڭدا «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلەك ئېچىلدى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىن تۇنجى تۈركۈمدە 126 كارخانا بۇ بۆلەككە كىردى. بۇ مەملىكەت بويىچە بۆلەك قۇرۇش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن 17 «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلەكنىڭ بىرى، شۇنداقلا غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلەك.