ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

22-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى شياڭگاڭغا ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-19 08:05

  خەينەن ئاۋىياتسىيەسى قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 22-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارغا ئۆزئارا تۇتاشقان، ئۆزئارا راۋانلاشقان ئالاقىلىشىش تۈگۈنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.

ئۈرۈمچى-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر دۈشەنبە بېرىش-كېلىش مۇساپىسىنىڭ ھەربىرىدە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2637 بولۇپ، سائەت 10دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2638 بولۇپ، سائەت 16دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ.

ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا ئېتىبار قىلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن شياڭگاڭغىچە بولغان يەككە مۇساپىنىڭ بېلەت باھاسى 980 يۈەندىن باشلىنىدۇ، شياڭگاڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يەككە مۇساپىنىڭ بېلەت باھاسى 1110 يۈەندىن باشلىنىدۇ (يۇقىرىقى باھا باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

ئىگىلىنىشىچە،  12-ئاپرېل، ئۈرۈمچىدە ئۈرۈمچى-لوياڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قايتىدىن ئېچىلغان بولۇپ، بېرىش مۇساپىسىدە UQ2641 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 7:00دە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 10:50 مىنۇت ئۆتكەندە لوياڭ بېيجياۋ ئايروپورتىغا قونۇپ، سائەت 12دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە لوياڭ بېيجياۋ ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 16دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە تايلاند باڭكوك سۇۋەنناپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا قونىدىكەن. قايتىش مۇساپىسىدە UQ2642 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 18دى 10 مىنۇت ئۆتكەندە باڭكوك سۇۋەنناپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە لوياڭ بېيجياۋ ئايروپورتىغا قونۇپ، سائەت 23تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە توختىغان جاي لوياڭدىن ئۇچۇپ، ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت 3تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قونىدىكەن.

«يەرلىك ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە بىز ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 19ى بار، ھەر ھەپتىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 168 نۆۋەت قېتىمدىن ئاشىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى 21 شەھەرگە بىۋاسىتە قاتنايدۇ» دېدى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى شىركىتى بازار ماركسنىڭ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ جيالياڭ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

22-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى شياڭگاڭغا ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

خەينەن ئاۋىياتسىيەسى قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 22-ئاپرېلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارغا ئۆزئارا تۇتاشقان، ئۆزئارا راۋانلاشقان ئالاقىلىشىش تۈگۈنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.