ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى يىللىق ئاتچوت قىلىش چېكى ئۆستۈرۈلدى! 26-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:27

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچەكېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى ئۆزئارا قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ1-، 2-، 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندىنىڭ چىقىم نىسبىتىنىڭ بىردەك 5 پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈرۈلگەنلىكى،يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكىنىڭ 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگە تەڭشەلگەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە شەكىللەنگەن سىياسەت دائىرىسىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ بىر قېتىمدا بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ يىللىق چەكلىك سوممىسى ئىچىدە بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندتىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ. ھەر قايسى بىر تۇتاش غەملەنگەن رايونلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ئۆلچەمنى بېكىتىدۇ.

  ئادەتتىكى كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندتىن چىقىم قىلىشتىكى بىر قېتىملىق باشلىنىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە تەڭ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى چىقىم قىلىشتىكى باشلىنىش ئۆلچىمىنىڭ %10ى بويىچە بېكىتىلىدۇ،  ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە كۆپ قېتىم داۋالانغانلارنىڭ 2-قېتىمدىن باشلاپ تۇنجى قېتىملىق كېسەلخانىدا يېتىش خىراجىتىنى چىقىم قىلىشتىكى باشلىنىش ئۆلچىمىنىڭ %5ىگە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى بىر قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 300 يۈەن، 800 يۈەن، 1300 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ؛ يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى پىرىنسىپ جەھەتتە 4000 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ. كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى ئۆزئارا قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىش كاپالەتلىتىنىڭ  يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، فوندنىڭ يۈرۈشۈشىگە، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ.

  1-، 2-، 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئادەتتىكى كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى بىر تۇتاش غەملەنگەن فوندتىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80، %70، %60 بولىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا داۋاملىق 5 پىرسەنت پوئىنت مايىللاشتۇرۇلىدۇ. دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

  «يولغا قويۇش چارىسى» 2024-يىلى 26-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ،كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەش يىل.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى يىللىق ئاتچوت قىلىش چېكى ئۆستۈرۈلدى! 26-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

شىنجاڭدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى يىللىق ئاتچوت قىلىش چېكى ئۆستۈرۈلدى! 26-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ