ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1 ـ پەسىلدە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىدا چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان يولۇچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 10:44

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %434.4 ئاشتى

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىدا جەمئىي چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان يولۇچى 100 مىڭ 350 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %434.4 ئاشقان، چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان نۆۋەتچى ئايروپىلان 1063 ئايروپىلان قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %378.8 ئاشقان. چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان يولۇچى ئادەم قېتىم ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلان قېتىمدا بىردەك تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا خەلقئارا يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يولۇچىلارنىڭ چېگرادىن كىرىش ـ چىقىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق ھاۋا يولى بىلەن تەمىنلەندى. بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە، بۇ ئايروپورتتا ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى ـ لوياڭ ـ باڭكوك، ئۈرۈمچى ـ لەنجوۋ ـ پاتتايا، ئۈرۈمچى ـ لەنجوۋ ـ ياجۇاڭدىن ئىبارەت ئۈچ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. 4 ـ ئايدا ئۈرۈمچىدىن موسكۋاغا بېرىپ كېلىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانلاندى.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىدا ھەر ھەپتىدە قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان 97 قېتىمغا كۆپەيدى. ئۈرۈمچىدىن قازاقىستانغا بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە تۆت قېتىمغا كۆپەيتىلدى.

چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ تېز يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسى دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاقىل تاموژنىنى تۇتقا قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە باشقۇرۇشنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئۈنۈم، ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش يولىنى تولۇق ئېچىۋەتتى.

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى جاڭ ۋېيجيې مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىنى دۆلەتنىڭ ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش تەستىقلاندى. تاموژنا فۇنكسىيەلىك ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى سىجىل يولغا قويۇپ، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كۆپىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، جۇڭگو ئۈرۈمچىدىن ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلارغا قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولىدىكى رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا جۇڭگو ئۈرۈمچىدىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى، پاكىستان قاتارلىق 12 دۆلەت ۋە رايونغا قاتنايدىغان جەمئىي 21 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن خەلقئارا تۈگۈن ئايروپورتلۇق ئىقتىدارى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

1 ـ پەسىلدە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىدا چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان يولۇچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىدا جەمئىي چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان يولۇچى 100 مىڭ 350 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى