ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنيادىكى تۇنجى قۇملۇق تۆمۈر يول ئايلانما لىنىيە بويىدا، ئۇلار تىككەن دەرەخلەر قانداق بولدى؟

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-22 16:25

بىر يىلدا باھار مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە

دەل كۆچەت تىكىپ يېشىل تۈس قوشىدىغان مەزگىل

خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغان يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان

قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن پارچە-پارچە يېشىللىققىچە

تۆمۈر يول تارماقلىرى تۆمۈر يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىككەن كۆچەتلەرنىڭ

يىلتىزى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملەندى

خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىنىڭ

ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 825.5 كىلومېتىر بولۇپ

دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ

جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان

534 كىلومېتىرى قۇم-بوران رايونىدا بولۇپ

لىنىيە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ %65نى ئىگىلەيدىغان

تىپىك قۇملۇق تۆمۈر يولى

قۇملۇق تۆمۈر يولى يېنىدا

رەت-رەت«يېشىل كارىدور» بەرپا قىلىندى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي ئىشلىدى.


خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريول لىنىيەسى بويىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ناچار بولۇپ، ئاساسلىق شامال پەسلى يەتتە ئايغا يېتىدۇ، قۇم ئاپىتى ئېغىر. قۇم ئاپىتىنىڭ تۆمۈريول قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا «قۇملۇقتا تۆمۈريول ياساش، قۇمنى تىزگىنلەشتە ئالدىدا مېڭىش» فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، قۇم-بوراندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ئېلىپ باردى. بۇ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.

«قۇملۇقتا كۆچەت تىكىش بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىشتىنمۇ تەس، لېكىن بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىشىمىز كېرەك، بۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈر يولنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى تولۇقلاش ئۈچۈندۇر، بۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نەچچە مىليون پۇقرانىڭ ئۈمىدى.» دېدى قۇملۇقتا 20 نەچچە يىل تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋاڭ جىنجۇڭ.

قۇملۇقتا كۆچەت تىكىش ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلغا مۇھتاج. قومۇش قۇم توسۇقى، قومۇش كاتەكچىسى ۋە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەر قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى «ئۈچ يۈرۈش چارە» دەپ ئاتىلىدۇ.


تۆمۈر يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە سىرتىدىن ئىچىگە تەرتىپ بويىچە قومۇش قۇم توسۇقى، قومۇش كاتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، يەنە دەرەخ، چاتقاللاردىن تەركىب تاپقان يېپىنچا ئۆسۈملۈك بەلبېغى بەرپا قىلىنىدۇ، مۇداپىئە كەڭلىكى 110 مېتىردىن 400 مېتىرغىچە بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، سىرتقى تەرەپتىكى ئېگىز غوللۇق دەرەخلەر شامال سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، كەلگەن قۇمنى توسۇسا، تۆمۈر يولغا يېقىن چاتقاللار كۆچمە قۇمنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، پەلەمپەيسىمان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى شەكىللىنىپ، قۇم-بوراننى قاتلاممۇ قاتلام توسۇش رولىنى ئوينايدۇ.

خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىشتىن ئىلگىرى، تۆمۈريول تارماقلىرى شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن ئۆسۈملۈك ئارقىلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قۇم-بوراندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۆمۈريول بويىدا 50 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېقىن ئوت-چۆپ كاتەكچىسى ياساپ، سۆكسۆك، يۇلغۇن، جۇزغۇن، جىگدە، توغراق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردىن 13 مىليون تۈپكە يېقىن تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمىنى 114 مىڭ موغا يەتكۈزدى.

قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئورمانلىقىنى

«يېشىل قوغدىغۇچى»لار كۆڭۈل قويۇپ قوغدىدى

خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، تۆمۈر يول تارماقلىرى لىنىيە بويىدىكى كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىش، ئاسراش سالمىقىنى زورايتىپ، مەخسۇس «تۆمۈر يول بويىدىكى كۆكەرتىش مەشغۇلاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش قوللانمىسى»نى تۈزۈپ چىقتى ھەمدە خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىنىڭ 300 كىلومېتىرغا يېقىن ئاساسلىق كۆكەرتىش بۆلىكىدە بۆلەكلەر بويىچە ئادەم ۋە مەسئۇلىيەتنى بېكىتىشنى يولغا قويۇپ، لىنىيە بويىدىكى كۆچەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈردى، پەرۋىش قىلدى، ئاسرىدى.


مىڭ بىر جاپادا كۆڭۈل قويۇپ تېرىغان يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى پەرۋىش قىلىش، ئاسراش ئۈچۈن، ئۇلار پۈتۈن لىنىيە بويىچە 131 قۇدۇق قازدى ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش سىستېمىسىغا تايىنىپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇ ئېھتىياجىغا ھەر ۋاقىت كاپالەتلىك قىلىپ، كۆچەتلەرنىڭ ياخشى ئۆسۈش ھالىتىنى ئۈنۈملۈك ساقلىدى.

«ئۆزى مەسئۇل بولغان رايونغا چوقۇم ئىنچىكە قاراڭ! كۆچەت تىكمەي ئۆتۈپ كەتمەڭ!» خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ يېنىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئورمانلىقىدا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە بارلىققا كەلدى. «يېشىل قوغدىغۇچى»لارنىڭ بەزىلىرى قۇمۇش قۇم توسۇقلارنى چىڭ تۇتتى، بەزىلىرى تېمىتىش شىلانكىسىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى، بەزىلىرى ئۇرۇق سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇلار ئەتىياز، كۈزدىن ئىبارەت ئىككى پەسىلدىن پايدىلىنىپ بۇزۇلغان بۆلەكلەرنى تولۇقلاپ تېرىپ، تۆمۈر يول قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

«خوتەن-چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغىنىغا ئىككى يىل بولاي دەپ قالدى، لىنىيە بويىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدى». قەشقەر ئۇل ئەسلىھە بۆلىكى نىيە سېخى كۆكەرتىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ بۆلەكتە قۇم-بوران بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممىمىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق!»

ئىگىلىنىشىچە، خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىن ھازىرغىچە، پۈتۈن لىنىيەدە 3 مىليون 930 مىڭ تۈپ چاتقال، 360 مىڭ تۈپ دەرەخ تولۇقلاپ تىكىلگەن، تولۇقلاپ تىكىلگەن كۆلەم تەخمىنەن 6400 مو بولۇپ، تۈپنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %85 ئەتراپىدا بولغان.

بۈگۈنكى كۈندە

بۇ تۆمۈر يول بويىدىكى «يېشىل كارىدور»

بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشتىكى تەبىئىي توسۇققا ئايلىنىپ

پويىزنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىنى قوغداپ

كېرىيە، چىرا، لوپ قاتارلىق جايلاردىكى

ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ

شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇپ

شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى

شۇنداقلا خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىنى

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان «بېيىش كارىدورى»غا ئايلاندۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنيادىكى تۇنجى قۇملۇق تۆمۈر يول ئايلانما لىنىيە بويىدا، ئۇلار تىككەن دەرەخلەر قانداق بولدى؟

بىر يىلدا باھار مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە دەل كۆچەت تىكىپ يېشىل تۈس قوشىدىغان مەزگىل خوتەن-چاقىلىق تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغان يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان