باھاردا بېرىلىپ كىتاب ئوقۇش
22-ئاپرېل، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شىڭجۈخۇي كىتاب-كىنو شەھەرچىسىنىڭ خۇيجيا شىدەي دۇكىنىدا كىتاب ئوقۇماقتا. دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) نەنۋېي يولى كوچا باشقارمىسى بېيۋېي 1-يولى مەھەللىسى ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ، بۇ كىتاب - كىنو شەھەرچىسىدە «باھاردا بېرىلىپ كىتاب ئوقۇش، ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈش» كىتابخۇمار دوستلار ئۇچرىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.