ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەرچەن ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى مەركەزلىك تۇتاش قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيەلەر قاتارىغا تاللاندى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-26 08:38

22-ئاپرېل تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە 2024-يىللىق ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى مەركەزلىك تۇتاش قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى تىزىملىككە تاللاندى.

چەرچەن ناھىيەسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، مەمۇرىي رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 138 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مەمۇرىي كۆلەم جەھەتتە 2-چوڭ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. چەرچەن ناھىيەسىدە جەمئىي 13 يېزا-بازار (ئالتە بازار، يەتتە يېزا) بار، بۇنىڭ ئىچىدە جاڭگالساي كەنتى، قوراملىق كەنتى، توغراقلىق كەنتى، ئاقيار كەنتى، ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىدىن ئىبارەت بەش كەنت بۇلتۇر جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有