شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ ئاچماقتا
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 21-ماي «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدە تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ئۆستى، دېدى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككى يىلدا، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ئاجراتقان يۆتكىمە چىقىمى 1 تىرىليون 50 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر جەمئىي 39 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجراتقان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2023- يىلى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى، بۇ يىلنىڭ 1-پەسىلىدىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرمۇ كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، سېلىنما، ئىستېمال، ئىمپورت-ئېكسپورت، مالىيە، ئاھالىلەر كىرىمى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى 5 ئورۇندا تۇردى. بۇ يىل 1-پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6، كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %8، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى %12.8، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %10.7، تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى %42.7 ئاشتى. ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى، ئىش ياخشى باشلاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسبەتەن بېكىنمە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە، ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم دەرۋازىسىغا ئايلاندى. بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 357 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل 400 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %57 ۋە %45.9 ئاشتى، شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرادىن چىققان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭنىڭ «تيانشان» ناملىق نۆۋەتچى پويىزى دائىملىق قاتناپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلدى.
ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونىغا قاراپ قەدەم تاشلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىكنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز.
سۈن خۇڭمېي مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، مول تارىخىي مەدەنىيەت، قىزىل مەدەنىيەت قاتارلىق بايلىقلارنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، مول مەدەنىيەت مەزمۇنىغا ئىگە، ئالاھىدىلىكى روشەن ئېسىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. بىز يەنە ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، تەتقىقات -ئۆگىنىش ساياھىتى، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ساياھىتى، قۇملۇق ساياھىتى، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى قاتارلىق ئالاھىدە ساياھەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، چېگرا ساياھىتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا