شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يازلىق يايلاق كۆچۈش ئارقا-ئارقىدىن باشلاندى، چارۋىچىلار ئەڭ گۈزەل يايلاق كۆچۈش يولىغا قەدەم قويدى
6-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يازلىق يايلاق كۆچۈش ئارقا-ئارقىدىن باشلاندى، يازلىق يايلاق كۆچۈش يولى «ئەڭ گۈزەل يايلاق كۆچۈش يولى» دەپ ئاتىلىدۇ. چارۋىچىلار قوي-كالىلىرىنى ھەيدەپ، ئەتىيازلىق يايلاقتىن يازلىق يايلاققا بېرىپ، ئۈچ ئايدىن كۆپرەك داۋاملىشىدىغان يازلىق چارۋا بېقىش تۇرمۇشىنى باشلىدى.
كوئېنىلۇن تېغى باغرىدىكى شىنجاڭنىڭ تۇمشۇق شەھىرى 2-چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋىچىلار قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ گاھ تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، گاھ دەريالاردىن كېسىپ ئۆتۈپ، دېڭىز يۈزىدىن 2600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىن تەخمىنەن 3500 مېتىر ئېگىز تاغدىكى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچتى. تاغلىق رايوننىڭ كىلىماتى ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، يازدا كۆچكەندە شىۋىرغان قاتارلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇ جايدىكى چارۋىچىلىق تارماقلىرى مەخسۇس مال دوختۇرى قاتارلىق خادىملارنى ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. چارۋىچى ئىبراھىم ھۈسۈيىن مۇنداق دېدى: ئۇلار بىزگە ھاۋا رايى ئەھۋالىنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ، قاچان كۆچسەك بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن مال دوختۇرلىرى چىقىپ قويلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ قويىدۇ. يول يىراق بولغاچقا، بەزىدە ئۇلار ماشىنا بىلەن ساغلىقلىرىمىزنى چارۋىچىلىق نۇقتىسىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ.
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شىنجاڭنىڭ ماناس ناھىيەسىدە بۇ يىل يامغۇر كۆپ يېغىپ، ئوت-چۆپ بولۇق ئۆستى، يايلاق كۆچۈش ۋاقتى بىر ھەپتە ئالدىغا سۈرۈلدى، 198 مىڭ تۇياق چارۋا ئارقا-ئارقىدىن يايلاق كۆچۈشكە باشلىدى. شۇ جايدىكى يېزا بازارلار ئادەم تەشكىللەپ، چارۋا يوللىرىنى ۋاقتىدا تازىلاش بىلەن بىرگە يول بويىدىكى كۆۋرۈكلەرنى مۇستەھكەملەپ، يولنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر ئىلى، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا يازلىق يايلاق كۆچۈش كەينى-كەينىدىن باشلاندى، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىشى مۇمكىن. #
تەرجىمان: قۇربانىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت