غۇلجا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامى ئۆزگەرتىلدى
27-ئىيۇن شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىنىشىچە، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامى «ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئىككىنچى تارماق لىنىيە خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىكەن.
ھازىر ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا جەمئىي 11 ئاۋىياتسىيە شىركىتى تىجارەت قىلىدىكەن، جەمئىي 26 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى 23 شەھەرنى تۇتاشتۇرىدىكەن.
تەرجىمان: ئابدۇخالىق ئەمەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان