شىنجاڭلىق ئۈچ يازغۇچى «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى
13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»نى باھالاش كومىتېتى يېقىندا بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 25 ئەسەر ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەش تەرجىماننى بارلىققا كەلتۈردى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق شىنجاڭدىن ئۈچ يازغۇچى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. تاجىك يازغۇچى روزى گۈلباينىڭ «گۈل ئەبەدىي شۇنداق قىزىل» ناملىق رومانى رومان ئىجادىيىتى مۇكاپاتىغا، دۇڭشياڭ مىللىتىدىن ئەيبۇ ياقۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن يۈسۈپ ئەيسا تەرجىمان مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى
سېلىشتۇرغۇچى: ئاراپات ھۈسەنجان