شىئەندىن قەشقەرگە بىۋاسىتە بارىدىغان تۇنجى ئاپتوموبىل پوچتا يولى ئېچىلدى
8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 0 دىن سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەنكە قەدەر، لىق تېز يوللانما قاچىلانغان ئۈچ يۈك ئاپتوموبىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەر «شىنيۈەنفاڭ» خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت پورتى «جىتۇ» تېز يەتكۈزۈش ئايرىش مەركىزىگە يېتىپ كەلدى. بۇ 10 كۈن سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىرتىدىن ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بىۋاسىتە بارىدىغان تۇنجى پوچتا يولى-شىئەن-قەشقەر ئاپتوموبىل پوچتا يولىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى تېز يوللانمىلارنى يەتكۈزۈش ۋاقىتى 53 سائەتكە قىسقاردى، ئىلگىرىكىدىن ئىككى كۈن قىسقاردى.
قەشقەر «شۈنجيې» ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يۈەنجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىۋاسىتە قەشقەر پوچتا يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، قەشقەردىكى ئىستېمالچىلار جىتۇ تېز يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن توردىن سېتىۋالغان تاۋارلارنى، ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭكىدىنمۇ تېز تاپشۇرۇۋالىدۇ». شۇ كۈنى شىئەندىن شىنجاڭ قەشقەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلگەن تېز يوللانما 88 مىڭغا يېتىپ، قاتناش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %10 ئاشقان.
مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، ۋاقىت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جىتۇ تېز يەتكۈزۈشى شىنجاڭ يۆتكەپ توشۇش مەركىزى شىنجاڭغا كىرىدىغان پوچتا يولىنى ئەلالاشتۇردى، ئېچىلغان شىئەندىن قەشقەرگە بىۋاسىتە بارىدىغان پوچتا يولى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم بولۇپ، يەككە مۇساپىلىك پوچتا يولى 3703 كىلومېتىر. بۇ پوچتا يولى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايىتىگە بارىدىغان تېز يوللانمىلار شىئەندىن ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئاندىن ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بۆلۈپ يەتكۈزۈلەتتى، ئۈچ جاي ئوتتۇرىسىدىكى تېز يوللانمىلارنىڭ يەتكۈزۈلۈش ۋاقتى تۆت كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، تېز يوللانمىلارنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈشىگە ئالتە كۈن ۋاقىت كېتەتتى.
ۋاڭ يۈەنجيەن مۇنداق دېدى: «شىئەندىن قەشقەرگە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل پوچتا يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، جىتۇ تېز يەتكۈزۈش ئابۇنىتلىرى ئىككى كۈن بۇرۇن ئۆزىنىڭ تېز يەتكۈزۈش پوسۇلكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئابۇنىتلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشتى».
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قەشقەرگە بارىدىغان پوچتا تېز يوللانمىلىرىنىڭ سۈرئىتى تەدرىجىي تېزلەشتى. 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزىدە قەشقەرگە بىۋاسىتە ئاپتوموبىل پوچتا يولى ئېچىلىپ، پوچتا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، ئىككى جاي ئارىسىدىكى پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈش ۋاقىتى بىر كۈن قىسقاردى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇ مۇنداق دېدى: جىتۇ تېز يەتكۈزۈشى شىئەندىن قەشقەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان ئاپتوموبىل پوچتا يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئىككى جاي ئارىسىدىكى تېز يوللانما يەتكۈزۈش سۈرىتى ئىككى كۈن تېزلىتىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئىستېمالچىلارغا نەپ يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىن كەنتلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان ۋاقىت چېكى ئومۇميۈزلۈك قىسقاردى، ئابونتلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆسۈپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد