ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يەر يۈزى لازېرلىق خەۋەرلىشىش يەر يۈزى پونكىتى رەسمىي قۇرۇلدى ھەمدە نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

مەنبەسى:     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-16 10:49

شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يەر يۈزى ئارىسىدىكى لازېرلىق خەۋەرلىشىش يەر يۈزى پونكىتى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي قۇرۇلدى ھەمدە دائىملىق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ پونكىتقا ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان دىيامېتىرى 500 مىللىمېتىر كېلىدىغان لازېرلىق خەۋەرلىشىش يەر يۈزى سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يەر يۈزى ئارىسىدىكى لازېرلىق خەۋەرلىشىش ئالاقىسىنىڭ يەتكۈزۈش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا مىكرو دولقۇنلۇق خەۋەرلىشىشنىڭ مىڭ ھەسسىسىگە يېتىدۇ، بۇ پونكىتنىڭ قۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىشتا مىكرو دولقۇنلۇق يەر يۈزى پونكىتىغىلا تايىنىشتەك ھالەتنى ئۆزگەرتتى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ تاشقورغان ناھىيەسى سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يەر يۈزى لازېرلىق خەۋەرلىشىش يەر يۈزى پونكىتى رەسمىي قۇرۇلدى ھەمدە نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى