ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ سوت مەھكىمىسى: قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-09-30 16:56

خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدلىيە جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سوت مەھكىمىلىرى زىددىيەت، ماجىرالارنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «ئانارنىڭ دانىسىدەك مۇرەسسە ئىشخانىسى»، ئەركىن سودا سىناق رايونى سەييارە سوت كوللېگىيەسى قاتارلىق ئۆزگىچە ماركىلارنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، پۇقرالار ۋە كارخانىلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق ئەدلىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى مەنبەدىن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بەردى.
9-ئاينىڭ 27-كۈنى، بىر يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك توختامى ماجىراسى دېلوسى ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئەركىن سودا سىناق رايونى سەييارە سوت كوللېگىيەسىدە سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلدى، سوت مەھكىمىسى «چەت ئەلگە چېتىشلىق ماجىرا دېلولىرى يېشىل يولى + سودىيەلەر ئىشخانىسى» تەسىس قىلىش ئارقىلىق، «كەسپىي سودىيە + كەسپىي مۇتەخەسسىس» دىن ئىبارەت كەسىپلەشكەن سوتلاش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەق تەلەپ، سودا ماجىرالىرىنى كۆپ مەنبەلىك تۈزەشنى ئالغا سىلجىتتى. تۇدۇڭخابا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسى (دەۋا مۇلازىمەت مەركىزى) نىڭ باشلىقى جاڭ لىخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا جەمئىي 4100 دىن ئارتۇق كارخانا بار بولۇپ، گۇڭئەن، تەپتىش، سوت، ئەدلىيە ۋە بازار نازارەتچىلىكى (باشقۇرۇش) ئىدارىسىدىن ئىبارەت بەش ئورۇن ۋە 12 ئادۋوكاتلىق ئورنىغا ئورۇنلىشىپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق كارخانىلارنى قولايلىق قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جياڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2023- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە دېلولىرىدىن 13 مىڭ 245 نى، بازار نازارەتچىلىكى، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشقا چېتىلىدىغان تۈرلۈك مەمۇرىي دېلولاردىن 1325 نى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى سەييارە سوت كوللېگىيەسى، جۇڭگو-قازاقىستان بىرلىشىپ ماجىرانى ھەل قىلىش سۇپىسى قاتارلىقلارنى پائال بەرپا قىلىپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك دەۋالاشقۇچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئەدلىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
جاڭ جياڭخۇا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئەدلىيە مۇلازىمىتىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق ئەدلىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ سوت مەھكىمىسى: قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدلىيە جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سوت مەھكىمىلىرى زىددىيەت، ماجىرالارنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى