ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-26 14:09

«شىنجاڭ ياخشى جاي»  ── تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى

  ئىستېمالغا ياردەم بېرىش ئومۇمىي سوممىسى 228 مىليون 850 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 220 مەيداندىن كۆپرەك ئۆتكۈزۈلدى، نەچچە يۈز مىڭ كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ياخشىلاندى... تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا 11-تۈركۈمدە نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار شىنجاڭغا كەلگەن بىر يىلدىن بۇيان، ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق. بىر يىلدىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ھەر مىللەت ئاممىسى قىينىلىدىغان، باش قاتۇرىدىغان، غەم قىلىدىغان ئىشلارنى زىچ چۆرىدەپ، «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى»نى قاراتمىلىق يولغا قويدى، 2023-يىلى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش تۈرىدىن 23 نى يولغا قويۇپ، 161 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى.

  تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى لۇ يىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چىرا ناھىيەسىنىڭ چىرا يېزىسى باش ئۈجمە كەنتى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتى، نىيە ناھىيەسىنىڭ روكيا يېزىسى ئەمگەك نۇرلۇق كەنتى قاتارلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنت بەرپا قىلىش ئاساسىدا، بىز يەنە چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسىدە كىچىك ھاجەتخانا، كىچىك ئاشخانا، كىچىك پائالىيەت ئۆيى، كىچىك كۇتۇپخانا، كىچىك مۇنچا قاتارلىق 265 «بەش كىچىك قۇرۇلۇش» ۋە چىرا ناھىيەلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسى، بەخت قورۇسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەنە داۋالاش سىستېمىسىنىڭ ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى ۋە يېزا، كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، تيەنجىن شەھىرىدىكى ئۈچ ئا دەرىجىلىك 15 داۋالاش ئاپپاراتى 30 كەسپىي تايانچ خادىمنى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، پۈتۈن ۋىلايەتكە بەخت يارىتىدىغان رايون داۋالاش مەركىزى ۋە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈچ ئا دەرىجىلىك دوختۇرخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

  تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «ياردەم بېرىش» بىلەن «تەرەققىي قىلدۇرۇش»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بورداق قوي تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلۇپ، جىڭكېڭ چارۋىچىلىقىدىكى مىليون تۇياق بورداق قوي پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى مۇستەھكەملىنىپ، «خوتەننىڭ ئەلا مەھسۇلاتى» رايونى ئاممىۋى ماركىسى بارلىققا كەلگەن؛ تيەنجىن شىمالىي جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىشىغا مەدەت بېرىلىپ، تيەنجىن شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كانچىلىق تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ بېرىشىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، قېزىلما بايلىق ئېچىش، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى كىرگۈزۈلۈپ، يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىندى.

  سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شۇنداقلا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «100 سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىنى پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىنى 20دىن ئاشۇرۇپ، 600 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مىڭ كارخانا شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش، مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شەكىللىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇردى، بىر يىلدىن بۇيان، «يۈز ساھە، يۈز كەسىپ ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، تيەنجىندىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا، كارخانا، سودا جەمئىيەتلىرىنى ياردەم بېرىلىدىغان جايدىكى 22 يېزا-بازار بىلەن قوشماقلىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، «قىزىل گالىستۇكلۇقلار قول تۇتۇشۇش. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تيەنجىندىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ھەم «تيەنجىن-خوتەن قول تۇتۇشۇش، كىتابخۇمار مەكتەپ قورۇسى» پائالىيىتىنى سۇپا قىلىپ، خوتەنگە 1 مىليون پارچە كىتاب ئىئانە قىلدى.

  مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. قايتا-قايتا پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، «تيەنجىندە ئىشلەنگەن تىياتىرلارنى خوتەنگە كىرگۈزۈش»، «تيەنجىندىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خوتەنگە كىرگۈزۈش»قاتارلىق پائالىيەتلەر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. سەھنە تىياتىرلىرىدىن نەچچە يۈز مەيدان قويۇلدى، تيەنجىندىكى داڭلىق خەتتاتلار خوتەن ۋىلايىتىدىكى يېزا-كەنت مەكتەپلىرىگە بېرىپ نەق مەيداندا 100 پارچىدىن ئارتۇق ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئىجاد قىلدى ھەم ئىئانە قىلدى ......

  بىر قاتار سانلار، تۈرلۈك نەتىجىلەرنىڭ ئارقىسىدا تيەنجىندىن 11-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ كۈرەش ئىزلىرى بار. ئۇلار تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن جاپالىق تىرىشىپ خوتەندە يېڭى تۆھپە قوشتى.

  لۇ يىڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تيەنجىن كۈچىنى قوشىدۇ».

  تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى

ئىستېمالغا ياردەم بېرىش ئومۇمىي سوممىسى 228 مىليون 850 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ئۆزئارا زىيارەت قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 220 مەيداندىن كۆپرەك ئۆتكۈزۈلدى،