ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2000دىن ئارتۇق كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشى تېخىمۇ قولايلىق بولدى-شىنجاڭنىڭ قەشقەردە توردا سېتىۋېلىنغان، ئەۋەتىش ھەققى ئېلىنمايدىغان ماللار كەنتكە كىردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-11-28 15:20

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ── 2000دىن ئارتۇق كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشى تېخىمۇ قولايلىق بولدى-شىنجاڭنىڭ قەشقەردە توردا سېتىۋېلىنغان، ئەۋەتىش ھەققى ئېلىنمايدىغان ماللار كەنتكە كىردى

سىيىتنىسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى ئىشقۇل يېزىسى قىشلاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى، ئۇ ئالدىراش دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىن سەل قولى بوشىغاندا، يان تېلېفونىنى ئېچىپ، توردىن سېتىۋالغان ماللىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئۇچۇرىنى كۆردى. «مېنىڭ تازىلاش سۇيۇقلۇقۇم كەپتۇ، تېز بېرىپ ئېلىۋالاي!» ئۇ شۇنداق دېگەچ كەنت بېشىدىكى تېز يوللانما مۇلازىمەت پونكىتىغا قاراپ ماڭدى.

مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مال جازىسىدا خېبېي، سەنشى، جېجياڭ، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن تېز يوللانمىلار رەتلىك تىزىلغان ئىدى. سىيىتنىسا يان تېلېفونىدىكى يوللانما ئېلىش نومۇرىغا قاراپ، مۇناسىپ مال جازىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ تېز يوللانمىسىنى تاپتى. بۇلتۇر توردا مال سېتىۋېلىش كەنتتە مودا بولدى. كۆپچىلىك ھەر قېتىم كەنتتە تېز يوللانما ئالغاندا، ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتەتتى.

ھازىر بىزنىڭ بۇنداق يىراق يەردىمۇ تېز يوللانما تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، يەنە تېخى ئەۋەتىش ھەققىنىمۇ كۆتۈرىدىكەن!» سىيىتنىسانىڭ تەلەپپۇزىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى.

سىيىتنىسا ئېيتقان «يىراق» دېگەن سۆز زادى قانچىلىك يىراق؟ ئۇنىڭ بىر تېز يوللانمىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىدىن ئەۋەتىلدى: يىۋۇ بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 4000 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۈرۈمچى بىلەن ئۇ تۇرۇشلۇق قىشلاق كەنتىنىڭ ئارىلىقى يەنە تەخمىنەن 1500 كىلومېتىر كېلىدۇ.

بىر تاۋارنى يەتكۈزۈشكە تەخمىنەن 5500 كىلومېتىر ئارىلىق كېتىدۇ، بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟

شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: توشۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئاچقۇچ. بۇلتۇردىن بۇيان، پوچتا تېز يوللانما كارخانىلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بىلەن بىرلىشىپ يىغىپ توشۇش ئەندىزىسى قوللىنىپ، توشۇش، ئايرىش، يەتكۈزۈش قاتارلىق ھالقىلاردىكى بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، تېز يوللانمىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

ئىلگىرى سودىگەرلەرنىڭ مالنى شىنجاڭغا ئەۋەتىش تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى ئىدى. ھازىر، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا زاكاز قىلغان تاۋارلار، ئالدى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئۇلاپ توشۇش ئامبىرىغا توشۇلىدۇ، قاچىلاش-چۈشۈرۈش، ئايرىش قاتارلىق تەرتىپلەردىن كېيىن، پوسۇلكىنىڭ ئەسلىي تالونىغا يېڭى تالون چاپلىنىپ، ئاندىن شىنجاڭدىكى مەنزىلگە مەركەزلىك يەتكۈزۈلىدۇ.

ئەگەر بىر كەنتنىڭ تېز يوللانما مىقدارى يېتەرلىك بولسا، «كەنت پوسۇلكىسى» شەكىللىنىپ، يىغىپ توشۇش ئامبىرىدىن بىۋاسىتە كەنتكە توشۇلۇپ، ئۈرۈمچىدىكى قايتا ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش ھالقىسى بىكار قىلىنىپ، ۋاقىت زور دەرىجىدە تېجىلىپ، تەننەرخ تۆۋەنلەيدۇ.

تاش يولدا توشۇشنى تۆمۈر يولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىشمۇ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تېز يوللانما ئېلېكتىرونلۇق سودا يۈك ساندۇقى پويىزى شىئەندىن يولغا چىقىپ، 38 سائەتتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

جۇڭگو تۆمۈريول بىرلەشمە خەلقئارا يۈك ساندۇقى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى مەركىزىي پونكىتى تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۆ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتچى پويىز تاشيول تىرانسپورتىغا قارىغاندا بەش سائەت ئەتراپىدا تېز، توشۇش ۋاقىت ئۈنۈمى %12 يۇقۇرى، توشۇش ھەققى %57 ئەتراپىدا تۆۋەن. تېز يوللانمىلار ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاخىرقى يەتكۈزۈش تور نۇقتىسى ئارقىلىق، كەنتلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.

يەكەن ناھىيەسى جىتۇ تېز يوللانما يۆتكەپ توشۇش مەركىزىدە، كەنت نامى چاپلانغان تېز يوللانما سېۋەتلىرى رەتلىك تىزىلغان ئىدى. يەكەن ناھىيەسى جىتۇ تېز يوللانما شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: تېز يوللانما كەلگەندىن كېيىن، بىز بىۋاسىتە كەنت بويىچە ئايرىلغان سېۋەتلەرگە سېلىپ، ئوراپ ئېلىپ كېتىمىز، كەنتكە يەتكۈزۈش ناھىيە بازىرىنىڭكىدىنمۇ تېز بولۇشى مۇمكىن.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2023-يىلىدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تېز يوللانما يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، 2000 دىن ئارتۇق كەنتكە ئەۋەتىش ھەققى ئالماي يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزى، يېزا-كەنت دەرىجىلىك پونكىت-نۇقتا قۇردى، 800 دىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىغا پوچتا تېز يوللانما ئىقتىدارى قوشۇلدى. بۇ شىنجاڭنىڭ يېزا رايونلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2000دىن ئارتۇق كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشى تېخىمۇ قولايلىق بولدى-شىنجاڭنىڭ قەشقەردە توردا سېتىۋېلىنغان، ئەۋەتىش ھەققى ئېلىنمايدىغان ماللار كەنتكە كىردى

سىيىتنىسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى ئىشقۇل يېزىسى قىشلاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى، ئۇ ئالدىراش دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىن سەل قولى بوشىغاندا،