ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-04 11:03

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىنىڭ بارلىق ئاھالىسىگە جاۋاب خەت يېزىپ: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلاش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
10 نەچچە يىلدىن بۇيان، داشى كەنتى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت بايلىقىنى تولۇق ئاچتى. ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، بۈگۈنكى كۈندە داشى كەنتىنىڭ مۇھىتى گۈزەل، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلاندى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتى ئىلگىرى شورلىشىش ئېغىر، ئادەم شالاڭ، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز جاي ئىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاممىسى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شورلۇق يەردىن بېيىش يولى تاپتى، ئىلگىرىكى نامرات كەنت بۈگۈنكى كۈندە ھاللىق كەنتكە ئايلاندى.
ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، سېتىش يولى بارغانسېرى ياخشىلاندى
«يېڭىلا تونۇردىن چىققان نان، نېپىز، چۈرۈك، ناھايىتى مەززىلىك».
«بۇ، بىزنىڭ كەنتتىكى نەشپۈتلۈك، باغۋەنلەر ھازىر شاخ چاتاۋاتىدۇ، 2024-يىلىدىكى نەشپۈتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈزۈپ سېتىلىپ بولدى».
كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شياۋخۇڭ سۈرەتكە تارتىش دەستىسىنى ئېلىپ، داشى كەنتىنىڭ قىياپىتى ھەققىدە ۋىدىيو ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىغا چىقىرىپ، تورداشلارغا ئۆز يۇرتىنى تونۇشتۇرۇپ: «كۆپچىلىك داشى كەنتىنى كۆپرەك چۈشەنسە، بىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كۆپرەك كۆرسە، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزغا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ» دېدى.
2015-يىلى، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى داشى كەنتىگە ماكانلىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى. تەربىيەلەشنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئوتىغۇچلارنى تاشلاپ، يان تېلېفون ۋە مائۇسنى ئېلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. ۋاڭ شياۋخۇڭ شۇلارنىڭ  بىرى ئىدى، ھازىر ئۇ يىللىق سېتىش سوممىسى بىر مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تور دۇكىنى تىجارەتچىسى بولۇپ قالدى.
ۋاڭ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: كەسپىي خادىملار قولمۇ-قول ئۆگەتتى، ھېسابات نومۇرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، ئارقا سۇپىدا يۈرۈشتۈرۈشتىن تارتىپ، مەھسۇلات تىجارىتىگىچە بىر-بىرلەپ ئېنىق چۈشەندۈردى، ئىككىنچى يىلى كەنتنىڭ نەشپۈتلىرى سېتىلماي قالدى، ئەينى چاغدا ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى ئاران بىر يۈەن ئىدى، باغۋەنلەرنىڭ زىياننى ئازايتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق بىر تۇتاش سېتىشقا تەشكىللىدى، بىز ھەر كىلوگىرامىنى ئىككى، ئۈچ يۈەنلىك باھادا كەنت ئاھالىلىرىدىن سېتىۋېلىپ، ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن تەننەرخ باھاسىدا ساتتۇق، شۇ يىلى كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئون نەچچە توننا نەشپۈت ساتتى، شۇنىڭدىن كېيىن، دۇكىنىمنىڭ سودىسىمۇ تەدرىجىي ياخشىلاندى، 2022-يىلى، مەن باغۋەنلەرنىڭ قۇرۇق ئۈزۈم سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، يەتتە كۈندىلا 12 توننا قۇرۇق ئۈزۈم ساتتىم، ھازىر يىللىق سېتىش سوممىسى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىدىن نەپكە ئېرىشكەنلەر پەقەت ۋاڭ شياۋخۇڭلا ئەمەس. لوپنۇر كەندىرى چېيى، لوپنۇر كەندىرى ھەسىلى، لوپنۇر مايلىق توقىچى، كورلا نەشپۈتى، چاقىلىق چىلىنى، كوئىنلۇن قارلىق جۈخارگۈلى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى چىقتى. ئومۇمىي كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بازىسىدا، 100 خىلدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن رىياسەتچى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىۋاتاتتى.
بىۋاسىتە كۆرسىتى سېتىش بازىسىدا لوپنۇر سوۋغىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تور سىرتىدا ھېس قىلىش سارىيى، تېز يەتكۈزۈش ـ توشۇش مەركىزى، يېتىشتۈرۈش-تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىق ئالتە چوڭ فۇنكسىيەلىك رايون تەسىس قىلىنىپ، «دېھقانلار ئىشلەپچىقىرىش + كارخانا پىششىقلاپ ئىشلەش-ئوراپ قاچىلاش + ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش + ئەشيا يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىندى. بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش بازىسىنىڭ مەسئۇلى مېھراي ھاشىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر 38 كەنت ئاھالىسى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 14 ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنى قۇرۇدى؛ بازا ناھىيە بويىچە 3100 دىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلىدى؛ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، ناھىيە بويىچە 138 تور دۇكىنى ئېچىشقا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، 906 كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
2024-يىلى، داشى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 2 مىليون 305 مىڭ 500 يۈەن بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. مېھراي ھاشىم ئېلېكتىرونلۇق سودا داشى كەنتىنى تاشقى دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان سۇپا بەرپا قىلدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىمۇ بارغانسېرى ئاشتى دېدى.
كەنت گۈزەللەشتى، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى
داشى كەنتىگە كىرگەندە، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى رەڭلىك رىشاتكىلارنىڭ گۈللۈكلەرنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، كەنت پارتكومىنىڭ شۇجىسى شاتگۈل راخمان ئەتىياز، ياز پەسلىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، پۈتكۈل كەنتنى گۈل ھىدى قاپلايدۇ دېدى.
شاتگۈل راخمان ئىلگىرى داشى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇپ، جەمئىي 900 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىگە داشى كەنتىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەن، ئۇ كەنتتىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى بەش قولدەك بىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: تۇرۇبا سۈيى، تەبىئىي گاز ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى، 25.3 كىلومېتىرلىق ئاسفالت يول رېمونت قىلىندى ۋە يېڭىدىن ياسالدى، 7200 كۋادرات مېتىرلىق توپا يول قاتتىقلاشتۇرۇلدى، كەنت ئىچىدىكى ئاساسلىق يوللارغا ئېنېرگىيە تېجەيدىغان 200 يول چىرىغى ئورنىتىلدى، 550 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈزۈم كارىدورى ياسالدى، يېڭىدىن 3.87 كىلومېتىرلىق بۇلغىما چىقىرىش ئاساسىي تۇرۇبا تورى بەرپا قىلىندى.
خالىغان بىر كىچىك كوچىغا كىرگەندە، رەتلىك ئۆيلەرنىڭ سىرتقى تېمىغا داشى كەنتى يېزا ئىگىلىكىنىڭ نوقۇل ئادەم كۈچى ئەمگىكىدىن ماشىنىلاشقان، كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا تەرەققىي قىلىش جەريانى سىزىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئىلھام ئاتا قىلىنغان شۇنداقلا كەنت قىياپىتى گۈزەللەشتۈرۈلگەن. شاتگۈل راخمان بىز 260 ئائىلىنىڭ ھويلا دەرۋازىسى تېمىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆزگەرتىپ ۋە گۈزەللەشتۈرۈپ، يېزا-كەنت ئىستىراھەت ساياھىتىنىڭ يېڭى ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ چىقتۇق دېدى.
نەشپۈت چېچىكى بايرىمى، شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرى، مول ھوسۇل بايرىمى، كاۋاپ بايرىمى قاتارلىق داشى كەنتىدە قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردە، ئەلئىچى سەنئەتكارلىرى ۋە دېھقان-چارۋىچى ئەدەبىيات سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتى ئېسىل مىللىي مۇزىكىلارنى ئورۇنلاش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ناخشا-ئۇسسۇل كۆرىكى قاتارلىقلار ئارقىلىق، يېزا-كەنت مەدەنىيەت-ساياھىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.
شاتگۈل راخمان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماستىن، بىزنىڭ بۇ يەردە يەنە ساياھەتچىلەر ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن تەتقىقات، ئۆگىنىش دەرسى بار، داشى كۆرگەزمە سارىيىدىن پەن-تېخنىكا سارىيىغىچە، يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باغچىسىغىچە، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلالايدۇ، يەنە مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىمۇ ھېس قىلالايدۇ. 2024-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، داشى كەنتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 51 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 32 مەيدان قېتىم تەتقىقات، ئۆگىنىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن قاتناشتى.
قاھار قارى ھەر كۈنى 100 كىلوگرامدىن ئارتۇق ناننى قاچىلاپ يولغا سالىدۇ، ئۇنىڭغا ئەمەلىي دۇكاندا سېتىلغان نانلارنى قوشقاندا، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدىكى كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى يەتتە، سەككىز مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ؛ رىزۋان قاھار بوش ئۆيىنى پۇقراۋى قونالغۇغا ئۆزگەرتتى، ئۆينىڭ ئالدى-كەينىدىكى بوش يەردە مېۋە-چېۋە ئۆستۈرۈپ، كۆكتات تېرىدى، ساياھەتچىلەر دېھقانلار ھويلىسىدا تۇرۇپ، مېۋە ئۈزدى ۋە ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى تېتىدى؛ ئايگۈل ئەمەر قول بىلەن قېتىق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇردى، ئۇيۇتقان قېتىق، قايماق، پىشلاق قاتارلىقلارنى ساياھەتچىلەر ياخشى كۆرۈپ سېتىۋالدى. نۆۋەتتە، كەنتتە جەمئىي توققۇز پۇقراۋى قونالغۇ، 16 مېۋە ئۈزۈش بېغى بار، ساياھەت جانلانغان مەزگىلدە ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
2024-يىلى، داشى كەنتىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 39 مىڭ 200 يۈەنگە يەتتى. شاتگۈل راخمان بىز يەنە قىزىل داشى ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇ كوچىسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ راھەت ساياھەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدۇق دېدى.
ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئارقىلىق، بېيىش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى
ئانار چېچەكلىدى، ئۇرۇقى زىچ ئۇيۇشتى.
ئانار كوچىسىغا كىرگەندە، كوچا يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە رەتلىك تىزىلغان ئۆزگىچە ئىمارەتلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى بەلگە تاختىسىدا تەسىرلىك ھېكايىلەر خاتىرىلەنگەن: تۇرسۇن ئىسمايىل ئائىلىسى 20 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، كېسەل بولۇپ تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، «شەخسىيەتسىز مېھرى-مۇھەببەتلىك ئائىلە» دېگەن نامغا؛ ياسىن مەڭلىك جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، سامسىخانا ئېچىپ، «ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئائىلە» دېگەن نامغا؛ ئەخمەت ھەمدۇل ھويلا-ئارام باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «باقمىچىلىق ماھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
مەيلى قانداق سالاھىيەتتە بولسۇن، داشى كەنتىدىكىلەر «ئالتۇن-كۈمۈش، مال-دۇنيا ھەقىقىي بايلىق ھېسابلانمايدۇ، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشنىڭ ئۆزى بەخت» دېگەن سۆزنى باشتىن-ئاخىر ئېسىدە ساقلاپ كەلدى، بۇ، داشى كەنتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا يەكۈنلەپ چىققان تەجرىبىسى.
ئىلگىرى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، داشى كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ كۆپىنچىسى باقمىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن ئىدى، خەنزۇ دېھقانلار كۆكتات تېرىش، كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلغان ئىدى. ئالدىنقى ئەسىردە، پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك «بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى!» دەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.
بۇنىڭ پايدىسىنى ئەڭ بۇرۇن كۆرگەن دېھقان ئەيسا ھوشۇر 25 مو يېرىمنىڭ ھەممىسىگە كېۋەز تېرىدىم، خەنزۇ قېرىندىشىم مېنى ئوت ئوتاش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش ئىشلىرى جەھەتتىن يېتەكلىدى، 1990-يىلى، ئائىلىمىزنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى دېدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئەيسا ھوشۇر ئۆيىنى «قەلبداشلار ھويلىسى» قىلىپ قۇرۇپ چىقتى،  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تېمى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى تېمى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كارىدورى قاتارلىقلارنى ئۆزى لايىھەلەپ، 56 مىللەتنىڭ قەغەز قىيما سۈرىتىنى ئېسىپ، ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.
40 نەچچە يىل ئىلگىرى، دۇ مېڭخېنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شەندۇڭدىن داشى كەنتىگە كەلگەن چاغدا، كەنت كادىرلىرى پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى باشلاپ ئۇلارنىڭ يېڭى ئۆي سېلىشىغا ياردەم بەرگەن، دۇ مېڭخې مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىنى بىكارلاپ بىزگە بەردى، ئىسسىق نانلارنى بىزگە ئەكىلىپ بەردى، قەلبىمىز ئىللىدى، كۆز چانىقىمىز ئىللىق ياشقا تولدى، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەردە ماكانلىشىپ قالدۇق.
نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يەنىلا داشى كەنتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ شىفىرى بولۇپ كەلدى، ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.
كەنت ئاھالىسى لى ۋېنلۇڭ ئەمدىلا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن ئىدى، ئۇ ياخشى قېرىندىشى ئۆمەر نىيازنىڭ كورلىدا دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقى ئۇقۇپ، ئۇ قولىدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنى يوقلاپ باردى. ئۇ بىز تونۇشقىلى ئون نەچچە يىل بولدى، بۇرۇنلا يېقىن تۇغقانلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق دېدى. لى ۋېنلۇڭ ئىزچىل بېزەكچىلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۆمەر نىياز بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق داشى كەنتىدىن ئۆي سېتىۋالدى، ئىككىيلەن قوشنا بولۇپ قالدى. ئۆمەر نىياز ئائىلىسى ئۆرپ-ئادەت باغچىسى ئاچتى، بېزەكچىلىك ئىشلىرىنى لى ۋېنلوڭغا تاپشۇردى. ئۆرپ-ئادەت باغچىسى ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئۆمەر نىياز لى ۋېنلۇڭنى ماختاپ، «ياخشى قېرىندىشىم ماڭا ياردەم قىلدى!» دېدى.
داشى كەنتىدە ھازىر 318 ئائىلە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. بۇ يەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسى خۇددى قۇملۇقتىكى توغراققا ئوخشاش يىلتىزداش، قەلبداش. شاتگۈل راخمان داشى كەنتىدىكى قالتىس ئۆزگىرىشلەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشساقلا، تۇرمۇشىمىز چوقۇم كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقماقتا

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىنىڭ بارلىق ئاھالىسىگە جاۋاب خەت يېزىپ: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلاش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.