شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش-يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ جەمئىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، گىرەلەشمە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە يارىتىپ، ھېسسىيات رىشتىنى چىڭىتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يەرلىك ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ، دوستلىشىپ ۋە تۇغقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەم خەنزۇ كادىرلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى ھەم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بىلەن خەنزۇ ئاممىسى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.
ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق ئارىسىغا جايلاشقان بىڭتۈەننىڭ ھەر قايسى شى، شەھەرلىرىگە كىرگەندە، ھەممىلا يەردە بىڭتۈەن ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۈەن ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ۋىۋىسكا ئېسىلغاندىن كېيىن، بىڭتۈەن دادىل ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلدى. 2024-يىلى 6-ئايغىچە، بىڭتۈەننىڭ رايون-بۆلەك بازىرى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 8000 غا يېتىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
شىنجاڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، بوشلۇق بايلىقى، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، بازار ئاساسى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، كۆپ خىل ئەھۋاللاردا قوللىنىشقا بولىدۇ. شىخەنزە شەھىرىدە، جەمئىي 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ھەممىباب ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تۈرى پات ئارىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسى ۋە ئادەملىك ھەممىباب ئايروپىلان تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش-ياساش، قەرەللىك تەكشۈرۈش-ئاسراش، يۈرۈشلۈك سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بەش يىل ئىچىدە يىلىغا 150 چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ھازىرلايدىكەن، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىن يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 2 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزگىلى بولىدىكەن.
يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ساھەدە، بىڭتۈەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش سودا بازىرى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، قاتناش قۇرۇلمىسىنى پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق تەڭشەشكە كۈچەپ تۈرتكە بولدى. 2023-يىلى، بىڭتۈەننىڭ يېشىل ياسىمىچىلىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ كۆلەملەشكەن ياسىمىچىلىق مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %38.9 كە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 22 پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.
بىڭتۈەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ زىبىن مۇنداق دېدى: ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتى مەدەنىيەت-ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى قىممەتلىك بايلىق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ھەقىقىي، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك بولغان كونكرېت تۇتقا. بىڭتۈەن داۋاملىق دىققىتىنى «شىنجاڭدا ساياھەت قىلىش، بىڭتۈەندە تۇرۇش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، «گۈزەل شىنجاڭ، بىڭتۈەننى گۈللەندۈرۈش»نىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بىڭتۈەن روھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىزىل ھېكايىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ.