ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش ئەسلىگە كەلدى، مۇلازىمەت كاپالىتىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، ساياھەتچىلەر تېخىمۇ تەرتىپلىك، تېخىمۇ خاتىرجەم سەپەرگە چىقالايدىغان بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-06-03 10:15

«ئەڭ گۈزەل تىيانشان تاشيولى» دەپ نام ئالغان شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا 6-ئاينىڭ 1-كۈنى قاتناش رەسمىي ئەسلىگە كەلدى. مايتاغ ـ كۇچا تاشيولىدا يېقىنقى ئۈچ يىلدا ساياھەتچىلەر مۇقىم كۆپىيىپ، لىنىيە بويىدىكى رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل تاشيول بويىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتى سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەر بىخەتەرلىكى قوغدالدى.
مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى شىمالدا شىنجاڭنىڭ مايتاغدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا كۇچا شەھىرىگە بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 561 كىلومېتىر بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. قار يېغىش ۋە يول يۈزىنى مۇز تۇتۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ھەر يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىنكى يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 6-ئاينىڭ باشلىرىغىچە پەسىل خاراكتېرلىك قاتناش ئىدارە قىلىنىدۇ.
6-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇ يىللىق قاتناش باشلاش مۇراسىمىدا نۆۋەتچى ئۇيۇشتۇرغۇچى جاي بايىنبۇلاق بازىرىدا نەچچە يۈز ئاپتوموبىل، دالا ئاپتوموبىلى ۋە موتسىكلىت قوياش نۇرى ئاستىدا تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، مايتاغ-كۇچا سەپىرىنى باشلىدى.
بۇ يىل مايتاغ-كۇچا تاشيولى لىنىيە بويىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، تازىلىق ئۆيى، توكلىغۇ قاتارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئەلالاشتۇردى، تاشيول بويىدىكى نارات، بايىنبۇلاق، كۇچا قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا توكلىغۇ سەپلەندى. ئاسراش خادىملىرى ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلاپ، توكلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى بايىنغولىن ئوبلاستلىق توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بايىنبۇلاق توك بىلەن تەمىنلەش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى يۈن خاۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇن، بىز تەۋەلىكىمىزدىكى توك لىنىيەلىرىدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈردۇق. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بىز يەنە داۋاملىق كۈزىتىپ، توك بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئېگىز ھەم سوغۇق، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايوندىن كېسىپ ئۆتىدۇ، ھاۋا رايى ئۆزگىرىشچان، گېئولوگىيەلىك ئاپەت خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى. شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار كەسپىي جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، يولدىكى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا تېز ئىنكاس قايتۇردى. مايتاغ تىيانشان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى خۇا داۋۋېي مۇنداق دېدى: بىز جىددىي ياردەم بېرىش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيمىز، ياردىمىمىزگە ئېھتىياجلىق بولغانلار، بىز بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ كۈيتۈن شەھىرى بىلەن كۇچا شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان G3033 كۈيتۈن-مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلماقتا، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرى قۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى كۆپ مىقدارلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇيدىغان يادرولۇق يول ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تاشيول باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جو جيەنيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قاتناش تارماقلىرى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشى بىلەن ئاممىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىنى بىر تۇتاش پىلانلىدى. پۈتكۈل قۇرۇلۇش مەزگىلىدە جەمئىي بەش يول بۆلىكىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 47.2 كىلومېتىر كېلىدۇ. بىز قاتتىق باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندۇق، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى كېچىدە قاتناپ، كۈندۈزى سەپەرگە چىققان ئاپتوموبىللارغا  كاشىلا قىلمىدى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش ئەسلىگە كەلدى، مۇلازىمەت كاپالىتىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، ساياھەتچىلەر تېخىمۇ تەرتىپلىك، تېخىمۇ خاتىرجەم سەپەرگە چىقالايدىغان بولدى

«ئەڭ گۈزەل تىيانشان تاشيولى» دەپ نام ئالغان شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا 6-ئاينىڭ 1-كۈنى قاتناش رەسمىي ئەسلىگە كەلدى.