باش بەت<<كۆزنەك

100 كىلوگىرام ئورۇقلىغاندىن كېيىن .....

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-01-24 17:44

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 21-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەلىك 35 ياشلىق Rachel ئىسىملىك ئايال 14 ستون (تەخمىنەن 108 كىلوگىرام، سىتون ـ ئەنگىلىيە ماسسا بىرلىكى، 14 فۇتقا باراۋەر) ئورۇقلىغاندىن كېيىن، بەدىنىدىكى ئارتۇقچە تېرىلەرنىڭ پۈرۈلۈۋېلىشىدىن ئىچى پۇشقان، كېيىن ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بۇ پۈرۈم-پۈرۈم تېرىلەرنى كەستۈرگەن بولۇپ، ھازىر تۇرمۇشى نورمال ھالەتكە قايتقان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، راچېل سېمىزلىقنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا كۆپ ئۇچرىغاچقا ئاشقازان بۆلۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 108 كىلوگىرام ئورۇقلىغان، بىراق ئورۇقلىغاندىن كېيىن بوشىغان تېرىسى پۈرۈم-پۈرۈم بولۇۋېلىپ ئۇنىڭ سىرتقى گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ھەر قېتىم ھاجەت قىلغاندا، ساڭگىلاپ تۇرغان قورساق تېرىسى ئۇنىڭغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن.

راچېل كېيىن بىر يۈرۈش ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، 3.4 كىلوگىرام ( يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تەن ئېغىرلىقىغا توغرا كېلىدۇ) غا يېقىن تېرىسىنى كەستۈرۈۋەتكەن. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، قانسىراش ۋە قان بۇلغىنىش كېسىلى سەۋەبلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى، بۇ ئوپېراتسىيەلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
视点