باش بەت<<كۆزنەك

كىسلاتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھىندىستانلىق قىزلار چۈمپەردىسىنى ئېلىۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-13 16:37

 

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى سانىغا كىسلاتا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يۈزى بۇزۇلۇپ كەتكەن بەش نەپەر ھىندىستانلىق قىزلارنىڭ رەسىمى بېسىلدى، ئۇلار نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ يۈزىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ يۈزىنى يوشۇرۇپ كەلگەن، لېكىن ھازىر ئۇلار قەيسەرلىك بىلەن چۈمپەردىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، كامېرا ئالدىدا ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا كۈلۈمسىرەپ تۇرماقتا.

ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىز Rupa ئۇلارنىڭ كىيىم لايىھىلىگۈچى. 22 ياشلىق Rupa نىڭ ئۆگەي ئانىسى ئۇنىڭغا كىسلاتا چېچىۋەتكەن، شۇندىن كېيىن ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ بىر خەيرىيەت ئورگىنىغا كېلىپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ قايتىدىن ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ ئۆزىنىڭ لايىھىلىگۈچى بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قارارىغا كەلگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە قەيسەرلىكىگە تايىنىپ، يېڭىچە لايىھەلەرنى لايىھىلەپ ئۆزىگە خاس ماركا ياراتتى. فوتوگراف Rahul Saharan بۇ بەش نەپەر زىيانكەشلىكگە ئۇچرىغان قىزلارنى ھەقسىز رەسىمگە تارتىپ ئۇلارنىڭ ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى يېزىپ چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى:« مەن بۇ قىزلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، سىلەر ئىنتايىن چىرايلىق، ھەر بېرىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا خاس گۈزەللىكىڭلار بار.»

Rahul Saharan بۇ رەسىملەرنى تەييارلاپ بىر قېتىملىق فوتو ئەسەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق كىسلاتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلماقچى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
视点