باش بەت<<كۆزنەك

توققۇز ياشلىق باش دىرېكتور

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-14 17:42

 

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن كېرى ئامېرىكىدىكى بىر پىچىنە شىركىتنىڭ باش دىرېكتورى بولغان. بۇ پىچىنە شىركىتىنىڭ نامى «كېرى ئەپەندىمنىڭ پىچىنىلىرى» بولۇپ، ئۆ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئەپەندىم دەپ چاقىرىشىنى بەكمۇ ياقتۇرىدىكەن.

كېرى گەرچە ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش كىيىم كىيىش ئۇسلۇبى بار بولۇپ، ئىنتايىن مودا يۈرۈيدىكەن. ئۇ ھەر خىل داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىپ چۈشكەن سۈرەتلىرىنى سۈرەتلىك ئالەقە تورى «Instagram» گە چىقارغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچىلەرگە ئېرىشكەن. نۆۋەتتە 3000 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ يېشى كىچىك، ئەمما قابىلىيەتلىك «مودا ئەپەندىم»نىڭ مەستانىسىغا ئايلانغان . ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىچىك ئەپەندىم سۈرەتلىرىدە ئۆزىنىڭ قىممەت باھالىق كىيىملىرىنى كۆز–كۆز قىلغاندىن سىرت، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىچىنىلىرىنى تەشۋىق قىلىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
视点