باش بەت<<كۆزنەك

بىر بالىنى تۇغۇپ بۇلۇپ ئاز كۈندىن كېيىن ئۈچ كېزەككە قورساق كۆتۈرگەن ئايال

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-18 09:07

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 10-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن ئەنگلىيەلىك ئايال سارا ۋارد توققۇز ئاي ئىچىدە تۆت بالىغا قورساق كۆتۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ كېزەك بالىغا چوڭ ئوغلى تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىنلا قورساق كۆتۈرگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، ۋارد چوڭ ئوغلى فرېددى تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىنلا گەرچە ئۇنىڭغا ئەمدى قورسىقىغا بالا قالمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈچ كېزەك بالىغا قورساق كۆتۈرگەن ھەمدە بۇ بالىلارنى ئوڭۇشلۇق تۇغقان.

«مەن ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى تېزلا يەنە قورساق كۆتۈرگەنلىكىمنى بىلگەن ۋاقتىمدا مەن نېمە ئىش قىلىشىمنى زادىلا بىلەلمىدىم. مەن ئېرىم بىلەن بىرگە قورسىقىمدىكى بالىنىڭ ئۈچ كېزەك ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا، داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدىم» دېدى ۋارد.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ۋارد بىلەن ئېرى چوڭ ئوغلىنى تۇغۇش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن، ئۇلار دوختۇرنىڭ ياردىمى ئاستىدا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن بۇ ئوغۇلغا ئېرىشكەن، بىراق ئويلىمىغان يەردىن كېيىنكى ئۈچ كېزەك بالا بەكلا تاسادىپىي ھەم بەك تېز بولۇپ كەتكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھازىر ۋارد ھەيران قالغاندىن باشقا، تېخىمۇ بەك خۇشاللىققا چۆمگەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
视点