باش بەت<<كۆزنەك

ئامېرىكىلىق باي 13 مىليون يۈەن خەجلەپ، ئائىلىۋى سۇ باغچىسى ياسىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-20 10:14

 

ئامېرىكىدىكى «odditycentral.com» ناملىق غەلىتە خەۋەرلەر تورىنىڭ 15- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىنىڭ ئاۋستىن دېگەن يېرىدىكى خار جونېس ئىسىملىك بىر باي ئىككى مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 13 مىليون 500 مىڭ يۈەن) خەجلەپ، ئۆز ھويلىسىدا بىر ھەشەمەتلىك سۇ ئۈستى راھەت باغچىسى ياساپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىغا ئۆزگىچە سۇ ئۈستى خۇشاللىقى ئاتا قىلغان.

بۇ سۇ ئۈستى راھەت باغچىسىدا تۆت دانە كۆلچەك بار، بۇلار: ئارىشاڭ كۆلچىكى، بالىلار كۆلچىكى، لەيلىمە دەريا ۋە قىرسىز كۆلچەكتىن ئىبارەت، ھەر بىر كۆلچەكنىڭ لايىھەلىنىشى تولىمۇ ئۆزگىچە. بۇنىڭ ئىچىدە، جونېس ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئەڭ ياقتۇرىدىغان لەيلىمە دەرياغا 450 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن ئىككى مىليون 800 مىڭ يۈەن) خەجلەنگەن بولۇپ، 722 كۇب مېتىر سۇ سىغىدۇ، سۇنىڭ ئېقىش سۈرئىتى تەخمىنەن 16 كىلومېتىر، دەريادا سۈنئىي شارقىراتما، سۇ ئۈستى قاۋاقخانىسى بار.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
视点