باش بەت<<كۆزنەك

بۆرىنى ئەرمەك ھايۋان قىلىپ باققان كىشلەر

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-20 16:48

 

سىز بەلكىم بەزى بىر كىشىلەرنىڭ كەسلەنچۈك، پىل، شىرلارنى ئەرمەك ھايۋان قىلىپ باققانلىقىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ، ئەمما سىز چوقۇم بۆرىنى ئەرمەك ھايۋان قىلىپ باققان مىسالنى ئاڭلاپ باقمىغان . خەۋەر قىلىنىشىچە ، بېلورۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدىن 250 كىلومېتىر يىراق كېلىدىغان زاچىرىۋىيى كەنتىدە، بىر ئائىلىك كىشىلىرى بەش يىلدىن بۇيان نەچچە ياۋا بۆرىنى بېقىپ ، ئۆزلىرىگە ئۆگىتىۋالغان . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئائىلىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسمى ئولىگ بولۇپ ، شۇ يەردىكى بىر ئوۋ قىلىش رايونىنىڭ كۆزەتچىسى ئىكەن . ئولىگنىڭ ئون ياشلىق قىزى بۆرىلەر بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئىكەن. قىز بەزىدە تېخى بۆرلەرگە مىنىۋېلىپ «بۆرە چاپتۇرىدىكەن».

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
视点