باش بەت<<كۆزنەك

قەدىمكىلەرنىڭ يۈز يىل بۇرۇنقى ئۆز-ئۆزىنى تارتقان رەسىمى ئاشكارلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-24 17:48

 

يەر شارى تور ئۇنۋېرسال خەۋىرى، ئەنگلىيە «شەھەر گېزىتى» نىڭ 21-ئاۋغۇستىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر نەچچە پارچە يۈز يىل بۇرۇنقى ئۆزىنى تارتقان رەسىم ئاشكارىلىنپ، بۇ «تارىختىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئۆزىنى تارتقان رەسىم» دەپ ئاتالغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئۆزىنى تارتقان رەسىملەرنى فوتوگراف جوسىف بايرون ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى 1920-يىلى ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر سۈرەتخانىدا بىرلىكتە سۈرەتكە ئېلىپ تاماملىغانىكەن. ئەينى چاغدا، بىر خىل كونىچە قولدا كۆتۈرۋالىدىغان سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتكەن. سۈرەتتە بىر قانچە ئەر كىشىنىڭ ھەممىسى بېشىغا قۇببىلىك ئۇزۇن قالپاق كىيىۋالغان، ئۇچىسىغا جىلىتكا شەكىللىك قىسقا يەڭ كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، ھەتتاكى ھازىرغىچە مودا بولۇۋاتقان ھالەتلەردە رەسىمگە چۈشكەن.

بۇ سۈرەتلەر ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش سەنئىتى تېخى شەكىللەنمىگەن يۈز يىل بۇرۇنقى شارائىتتا تارتىلغان بولغاچقا، بۇ سۈرەتلەرنى تارقان كىشلەر ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئاساسچىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كوللىكتىپ ئۆز-ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ بەرگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
视点