باش بەت<<كۆزنەك

لېيدى گاگا ئالەم بوشلۇقىدا توي قىلماقچى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-08-25 18:00

 

رۇسىيە «شەھەر كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق ناخشىچى لېيدى گاگا بولغۇسى ئېرى تەيلىر جىنى بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا توي قىلىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، توي ئالەم بوشلۇقىدا ئۆتكۈزۈلگەچكە، تويدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق يىمەكلىكنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە قاچىلىنىدىكەن. ئۇنىڭ تويلۇق كۆينىكىمۇ ئالاھىدە تىكتۈرۈلىدىكەن. ئەنگىلىيەلىك مىلياردېر چارلى بورانسىننىڭ شىركىتى بۇ قېتىمكى توي ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلغان بولۇپ، ئۇچار كېمە بىلەن مىھمانلارنى ئالەم بوشلۇقىغا ئەپچىقىشقا مەسئۇل بولىدىكەن. شۇ ۋاقىتتا، گاگا بىلەن بولغۇسى ئېرى بۇ ئۇچار كېمىگە ئولتۇرغان تۈنجى يولۇچى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇچار كېمىنىڭ بىر كىشىلىك ھەققى 250 مىڭ دوللار ئىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
视点