مىھرىبان ئوغرى يىغلىغان بوۋاققا سۈت ئەمدۈردى
0
2015-07-13 08:44:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 

 

ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىنوزىيە پايتەختى جاكارتا شەھەر سىرتىدا تولىمۇ غەلىتە بىر ئىش يۈز بەرگەن، بىر قوراللىق قارا نىيەن ئۆيگە كىرىپ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا مىھرى قوزغىلىپ شۇ ئۆي ئىچىدە يىغلاۋاتقان بوۋاققا سۈت ئەمدۈرگەن ۋە ئۇنى پەپىلەپ ئۇخلىتىپ قويغان. بىراق شۇنىسى ئېنىقكى، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ قارا نىيەت چوقۇم قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ.

جاكارتا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مىھرى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالغان بۇ قارا نىيەت ئوغرىنىڭ ئىسمى مىستا (Mista) بولۇپ، ئۇ يەنە ئىككى ھەمراھى بىلەن ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. ئىگىلىنىشىچە، دىلو يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، بۇ ئوغرىلار قوللىرىغا قورال، پىچاق، كالتەك، پىلاستىر قاتارلىقلارنى ئالغان ھالدا سەھەر سائەت 3 لەر ئەتراپىدا بىر ئۆيگە كىرگەن، ئۆي ئىچىدىكى خىزمەتكار ئويغىنىپ كەتكەن ۋاقىتتا دەرھال ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋېلىپ كېيىن پۇت-قوللىرىنى باغلاپ قويغان.

 

 

W020151210616263359065.jpg
W020151209541046453839.jpg