جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە ساياھەتچىلىرىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟
0
2015-07-15 14:51:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

يېقىندا، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4000 غا يېقىن جۇڭگولۇق ساياھەتچى ئولتۇرغان پوچتا پاراخۇتى خېلى بۇرۇنلا ياپونىيە ئارىلى توتورى (Tottori-ken) ناھىيەسىدىكى پورتتا توختىغان بولۇپ، ئۇلار شۇيەرنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاران 3455 ئادەملا بار كىچىك بېلىقچىلىق كەنتى خيېزۇ (Hiezu) كەنتىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈۋاتقاندا، دۇكاندىكى ماللارنى تالىشىپ سېتىۋېلىپ دۇكاننى قۇرۇقداپ قويغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت سىرتىدىكى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەر گېزىت، تور قاتارلىقلاردا كەينى كەينىدىن چىقىشقا باشلىدى. تېرىسىنىڭ رەڭگىنىڭ ئوخشاشلىقى سەۋەبىدىن، بەزى ۋاقىتلاردا جۇڭگولۇقلارنى كورىيەلىك، ياپونىيەلىككە ئوخشىتىدىغان ئىشلار يۈز بەردى. ئۇنداقتا، چەتئەللەردە، قانداق قىلغاندا جۇڭگولۇق-ياپونىيەلىك-كورىيەلىك ساياھەتچىلەرنى توغرا ھەم تېز پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ؟

 

W020151210616263359065.jpg
W020151209541046453839.jpg