ئالقانچىلىك چوڭلۇقتىكى دەرەخ پاقىسى
0
2017-03-20 17:15:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 12-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئاۋسترالىيەدە بىر ئائىلە كىشىلىرى ساياھەتكە چىققاندا ھەددىدىن زىيادە چوڭ بىر دەرەخ پاقىسىنى ئۇچراتقان. بۇ ھەم يېشىل، ھەم مايلىق دەرەخ پاقىسى ئالقانچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ، خۇددىي چوڭ بىر پارچە تاشقا ئوخشايدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋسترالىيە دەرەخ پاقىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 11 سانتىمېتىردىن 14 سانتىمېتىرغىچە بولىدىكەن. چىشى پاقا ئەركەك پاقىغا قارىغاندا يوغانراق بولىدىكەن. ئەمما، يېمەكلىك مول، شۇنداقلا كۈشەندىلەر ئاز جايلاردا دەرەخ پاقىسى دەرىجىدىن تاشقىرى يوغىناپ كېتىدىكەن.

 

W020170319497448485348.jpg