بۇ يىل يازدا يېشىل رەڭ مودا بولىدۇ
0
2017-04-19 15:50:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

بەزىلەر يېشىل رەڭ ئادەم تاللايدۇ دەپ كىيىشكە تەۋەككۈل قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، يېشىل رەڭ ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغان بىر خىللا يېشىل رەڭ ئەمەس. رەڭلەرمۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلغان. مەسىلەن يېشىل دىگىنىمىزدە سۇس يېشىل، ئوچۇق يېشىل، قارامتۇل يېشىل، پارقىراق يېشىل، مايسىرەڭ ... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يېشىل رەڭلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. سىز مانا مۇشۇ يېشىل رەڭلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغىنىنى تاللىيالىسىڭىزلا بۇ يىل يازدا مودىدىن قالمايسىز. ھە، توغرا، بۇ يىل يازدا يېشىل رەڭ مودا بولىدۇ. ئەگەر قانداق ماسلاشتۇرۇش توغرىسىدا قىينالغان بولسىڭىز، ئەمسە تۆۋەندىكى سۈرەتلەردىن ئۆرنەك ئالسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

4437e68d893a1a5fac5807.jpg