ئامىرخاننى نېمە ئۈچۈن «ھىندىستاننىڭ غورۇرى» دەيمىز؟
0
2017-05-11 10:07:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 

 

 

ھىندىستان تىلغا ئېلىنسا بەلكىم گالى (كۇررى) ئېسىڭلارغا كېلىشى مۇمكىن. (ئوڭ قوشنامنىڭ دېيىشىچە ئۇلار ھەممە تامىقىغا گالى سالارمىش). بىر دۆلەت تىلغا ئېلىنسا ئوخشىمىغان كىشىلەر ئۇ دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل نەرسىلەرنى ئويلىشى مۇمكىن، بەزىلەر يېمەكلىكىنى، بەزىلەر مەنزىرىسىنى، يەنە بەزىلەر شۇ دۆلەتكە تەۋە بىر كىشىنى. بىر دۆلەتتە نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر بولىدۇ، سىز ئۇ دۆلەتكە بېرىپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ ئۇ دۆلەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى ناھايىتى ياخشى تونۇيسىز (ئەلۋەتتە سىز تونۇيدىغان ئۇ كىشى سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىزدىن بىر ئۆمۈر خەۋەرسىز ياشاۋېرىدۇ، نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق ھە ... مەسىلەن، ئامىرخان مېنى تونۇمايدۇ. قاراڭ، سىزنىمۇ تونۇمايدىغۇ دەيمەن، كېلىڭە بىللە يىغلايلى...) مەن ھىندىستان ھەققىدە ئاز-تولا بىر نېمىلەرنى بىلىمەن. مەسىلەن: ھازىر بىرسىدىن ھىندىستان دېگەن گەپنى ئاڭلىسام دەرھاللا بىرسىنى ئېسىمگە ئالىمەن (ئادەتتىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم دېيەلمەيمەن، شۇنىڭغا قارىغاندا دائىم ئېسىمدە دېمەكچى بولسام كېرەك) ئۇ كىمدۇ؟ كىنوسى ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى كىنوخانىلىرىدا قويۇلىۋاتىدۇ. ئۇ زادى كىم؟ ئۇ دەل ئامىرخان. 

 

ئۇنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا سىز نېمىنى ئېسىڭىزگە ئالىسىز؟ ئوچۇقراق سورىسام، قايسى كىنوسىنى ئېسىڭىزگە ئالىسىز؟ مەندىن سورىسىڭىز مەن بىرىنچى بولۇپ «ئۈچ ئەخمەق» دېگەن كىنوسىنى ئېسىمگە ئالىمەن. (ھە راست، بۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قوياي، ئۇنىڭ بۇ كىنوسىنىڭ يەنە بىر خىل تەرجىمە ئىسمى: «ئۈچ ئەخمەقنىڭ بوللىۋودنى مالىمان قىلىشى» بۇ سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئەرشنى مالىمان قىلىشى دېگەنگە سەل ئوخشاپ قالىدۇ ھە). خەپشۈك، ئامىرخان «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمىنى ئىشلىگەندە 44 ياش ئىكەنمىش، لېكىن كىنودا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ رولىنى ئالىدىغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ بىر 40 ياشلارغا كىرگەندەك كۆرۈنمەيدۇ (مۇشۇ چولپانلار زادى نېمە يەپ نېمە ئىچىپ يۈرىدىغاندۇ، پەقەت قېرىمايدۇ دېسە، مانا مەن ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام، ياپياش تۇرۇپلا بەك قېرى چىراي كۆرۈنىمەن، شۇڭا مېنىڭ دوستلىرىممۇ ساپلا مويسىپىتلار) ئۇف، ئەسلى گەپ نەدە قالغانتى، ھە ئامىرخاننىڭ گۈزەل ۋە ياش رۇخسارى ھەققىدە گەپ قىلىۋاتاتتۇق. 

 

 شۇنداق، ئامىرخان كېلىشكەن ۋە قاملاشقان ئارتىس، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى تەقى-تۇرقى جەھەتتىلا بولماستىن بەلكى يەنە ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسىمۇ كىشىنى قايىل ۋە مايىل قىلىدۇ. ھىندىستاندا بېلەت سېتىش مىقدارى تۇنجى قېتىم بىر مىليارد، ئىككى مىليارد ۋە ئۈچ مىليارد رۇبلىدىن ئاشقان كىنولارنىڭ ھەممىسىدە ئۇ رول ئالغان (ئېغىزىڭىز ھاااا دەپ ئىچىلىپ قالدىغۇ دەيمەن، دەرھال يۇمىۋېلىڭ، باھار كەلدى چىۋىنلار تىرىلىپ بولدىغۇ دەيمەن، ئىستېمال قىلىپ سالماڭ بىكار). سىزگە يەنە بىر خۇش خەۋىرىم بار، ھازىر ئامىرخاننىڭ يېڭى كىنوسى دۆلىتىمىزدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلىۋاتىدۇ! (بۇنى بىلەتتۇق دېگەنلەرگە دەيدىغىنىم: ئەلچىگە ئۆلۈم يوق!) ئەمدى سىز بار يەردە كىنوخانا بارمۇ-يوقمۇ؟ بۇ كىنونى قويامدۇ-قويمامدۇ بۇنى بىلمىدىم...

 

ئۇنىڭ ھازىر قويۇلىۋاتقان كىنوسىنىڭ ئىسمى «داڭگال» (مەن ھىندىستانچە بىلگەندىكىن تەرجىمە قىلىپ يۈرمىدىم ئىسمىنى، ھا ھا، گۇگۇل تەرجىمىسى مېنىڭ ياخشى دوستۇم). بۇ كىنو دۆلىتىمىزدە 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ قويۇلغان، بېلىتى شۇنداق ياخشى سېتىلىش بىلەن بىرگە، كۆرۈرمەنلەرنىڭ بەرگەن باھاسى ئاجايىپ ياخشى!  

بۇ فىلىم ھەقىقىي ۋەقەلىكتىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ھېكايە ۋەقەلىكى ھىندىستاننىڭ چېلىشىش ماھىرى ماھاۋىيانىڭ ھاياتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. فىلىمدە ئامىرخان دادىنىڭ رولىنى ئالىدۇ، ھېكايە ۋەقەلىكىگە ماس ھالدا ئامىرخان باش قەھرىماننىڭ 19 ياش، 29 ياش ۋە 55 ياش باسقۇچىنى ناھايىتى ئوخشىتىپ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئورۇقلىغان ۋە سەمرىگەن، رەسىمدىن تېخىمۇ ئېنىق بىلەلەيسىز!  

 

باش قەھرىمان 19 ياش باسقۇچىدا ئاقماس ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدىغان بىر چېلىشىش ھەۋەسكارى ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى دۇنيا چېمپىيونى بولۇش ئىدى. لېكىن نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېيىنچە ئۇ ئادەتتىكى بىر تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئارزۇسى ئۆزگەردى، مەن قىلالمىدىم، مەن قىلالمىغاننى ئوغلۇم چوقۇم قىلالايدۇ دەپ ئويلىدى. ئۇ توي قىلدى، ئارزۇسى ئوغۇللۇق بولۇپ، ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوغلىنى دۇنيا چېمپىيونى قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئىدى. تەقدىر بەزىدە غۇلجىلىقلاردەكلا چاقچاقچى كېلىدۇ-دە، ئۇ تۆت پەرزەنتلىك بولدى، لېكىن تۆتىلىسى قىز ئىدى. ئۇ ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەھەللىدىكى بالىلار (ئۇششاق شۇمتەكلەر دېگۈم بار ئىدى ئەسلى) ئارىسىدىكى جېدەلدە ئۇنىڭ ئىككى قىزى خەقنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇرۇپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرۋېتىدۇ، بۇنى كۆرگەن باش قەھرىمان «تەقدىر بىر ئىشىكىنى يېپىۋالسا، يەنە بىر ئىشىكنى ساڭا ئېچىپ بېرىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ ۋە بۇ مۇشتلاشچى ئىككى قىزىنى چېلىشىش ماھىرى، دۇنيا چېمپىيونى قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا بەل باغلايدۇ... ھېكايىنى مۇشۇنچىلىك دەپ بەرسەم بولار، قىزىققۇچىلار مەخەببىتىڭلارنى ئەگەشتۈرۈپ ياكى ئۆزۈڭلار يالغۇز (كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئېشىكى يوقنىڭ قۇلىقى تىنچ دەپتىكەن بوۋىلىرىمىز) ياكى ئوماق جېدەلخور، چامباشچى بالاڭلارنى ئەگەشتۈرۈپ كىنوخانىغا بېرىپ كۆرگەيسىلەر، كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن ۋەقەلىكىنى تەھلىل قىلىشساقمۇ كېچىكمەيمىزغۇ ھە! بېلەتنى بەكمۇ قىممەت ئەمەس دەيدۇ جۇمۇ! 

ئامىرخان بۇ كىنونى ئىشلەش ئۈچۈن بەك قىينالغان دەيدۇ، چۈنكى كىنودا باش قەھرىماننىڭ 3 خىل ياش باسقۇچىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك بولغاچقا (يەنى 19 ياش، 29 ياش ۋە 55 ياش)، ئامىرخان باشتا 19 ياش باسقۇچىنى سۈرەتكە ئالغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ئورقلاپ 69 كىلوگرامغا چۈشكەن. كېيىن 55 ياش باسقۇچىنى سۈرەتكە ئالغان، بۇنىڭ ئۈچۈن تىز سۈرئەتتە 97 كىلو سەمرىپ رولنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ھالەتكە كەلگەن، ئاندىن 29 ياش باسقۇچىنى سۈرەتكە ئالغان، 97 كىلودىن بەش ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ 72 كىلوغا ئاران چۈشكەن ۋە 29 ياش ھالەتكە ئۇيغۇن ھالدا رول ئالغان. قىسقا ۋاقىتتا ئورۇقلاپ  سەمرىش ۋە يەنە ئورۇقلاش ئاسان ئەمەس، ئورۇقلاپ باقمىغانلار ياكى سەمرىپ باقمىغانلار بۇ ئازابنى مەڭگۈ چۈشەنمەيسىلەر ... بولدىلا ئۆزۈمنى بېسىۋالاي، تەپسىلاتىنى سۈرەتتىن كۆرىۋىلىڭلار! 

 

مېنىڭچە ئامىرخان بۇ رولغا مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن نەخلا چۈشكەن! خۇددى كەيدۈرۈپ قويغاندەكلا! ئۇنىڭدىن باشقىسى بىكار جۇمۇ ! چۈنكى ...

ئامىرخان ئىلگىرى بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «ھەقىقىي ئەھۋال ھەققىدە سۆھبەت» ناملىق پىروگراممىسىنى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ھىندىستاننىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ئىچىپ بەرگەن، قىز بوۋاقلارنى چۈشۈرىۋېتىش، ئۆسمۈر بالىلارغا جىنسى پاراكەندىچىلىك قىلىش، قۇللۇق تۈزۈمى، ئۆسمۈر بالىلارنى توي قىلىشقا زورلاش، قىزلارنى كەمسىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەزمۇن قىلىنغان.  بۇ پىروگراممىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، پۈتۈن دۆلەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان، ھەتتا ھىندىستاننىڭ ھامىلە چۈرۈش، جىنسى زوراۋانلىق، بالىلارنى خورلاش قاتارلىق قانۇنلىرىنىڭ تۈزىتىلىشىگە، تولۇقلىنىشىغا سەۋەب بولغان.  

 

ئامىرخان «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمى ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ قاتمال مائارىپىنى تەنقىد قىلغان. «يەر يۈزىدىكى يۇلتۇزلار» ناملىق فىلىمىدە كىشىلەرنىڭ بىنورمال بولغان كىشىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن. «ئاھ، تەڭرىم» فىلىمىدە بولسا دىنى خۇراپاتلىقنى سۆككەن، بۇ قېتىمقى «چېلىشايلى» فىلىمىدە بولسا ھىندىستاندىكى جىنسى كەمسىتىش، قىز-ئاياللارنى يەكلەش ۋە خورلاش، جىنس باراۋەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئېچىپ تاشلىغان.  

ئامىرخاننىڭ بۇ  كىنولىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ۋە ئويلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھىندىستاندىكى، مەلۇم بىر رايوندىكى مەلۇم مەسىلىلەر تۈزۈلۈپ كېتىشى ۋە ياخشىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن!  

 

ھازىر ئامىرخاننى كىشىلەر «ئامىرخان ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ ۋىژدانى» دەپ تەرىپلىشىدۇ.  

كىنولىرى جەمئىيەتتىكى نازۇك نۇقتىلارغا بېرىپ تاقاشسىمۇ، لېكىن كىشىلەر كۆرۈپ زېرىكمەيدۇ، كىنولىرىنىڭ ۋەقەلىكى ياسالما ئەمەس، پېرسوناژلار بىزگە شۇنداق يېقىن، خۇددى بىرەر يەردە كۆرگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، كۆرۈۋېتىپ كۈلىمىز، كۆز يېشى قىلىمىز (ھېچ بولمىغاندا يۈرىكىمىز بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلىدۇ)، ئۇنىڭ كىنولىرىنى بىر سەنئەت دېيىشكە تامامەن بولىدۇ!  

 

ئامىرخان مۇنداق دەيدۇ:«مەن بىرەر مەسىلىنى ئىسپاتلاش ياكى كۆز قاراشنى دەلىللەش ئۈچۈن كىنو ئىشلىمەيمەن، مېنىڭچە ھاياتى كۈچكە ۋە تۇيغۇغا تولغان بىر ھېكايە كىنو قىلىپ ئىشلەنسە، كىنو سەزگۈر نۇقتا ياكى باشقا مەلۇم بىرە ترمىدىلا تۇرۇپ قالمايدۇ، كۆرۈرمەنلەر ھېكايە ئارقىلىق تەسىرلىنىدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ، ئويلىنىدۇ.»  

 

شۇنداق، ئامىرخان 40 ياشتىن كېيىن ئۆزىنى ئىپادىلەشتىن ۋاز كېچىپ، باشقىلار ئۈچۈن ھېكايە سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىلەرگە پۈچەك ئىدىيە ئەمەس بەلكى ھاياتلىق، ئىنسانىيەت، جەمئىيەت، ئائىلە ھەققىدە ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىدۇ. كىشىلەر بۇ ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۆزى ۋە ياشاۋاتقان مۇھىتى ھەققىدە قايتىدىن تەپەككۇر قىلىشقا باشلايدۇ، بەلكىم مانا بۇ سەنئەتنىڭ ۋە سەنئەتكارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئەھمىيىتى بولسا كېرەك! 

 

خۇلاسە كالام، گەپنى يىغىنچاقلىساق، ياخشى ئەسەردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئامىرخان بۇ يىل 52 ياشقا كىرسىمۇ يەنىلا شۇنداق كېلىشكەن، يەنە تېخى داۋاملىق تىرىشىۋېتىپتۇ، ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن تەر ئاققۇزۋېتىپتۇ. سىزمۇ، بىزمۇ، مەيلى قانداق بولايلى، ئاۋۋال ياخشى ئادەم بولايلى، ئۆز ئىشىمىزنى، خىزمىتىمىزنى ياخشى قىلايلى ۋە داۋاملىق تىرىشايلى! 

90fba609107a1a7cbb480b.jpg
1120949149_14943891242461n.jpg
1120945618_14943719883661n.jpg
90fba609107a1a7b7acd13.jpg