74 ياشلىق مىلياردېر 38 ياشلىق دۇكان دېرىكتورى بىلەن ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
0
2017-05-18 09:27:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل خۇدابەردى

 

بۇ توي مۇراسىمى سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تويى بولغان كۈيئوغۇل 74 ياشلىق مىلياردىر نېۋىللې كىرىچتون (Neville Crichton)، كېلىنچەك بولسا 38 ياشلىق نادى (Nadi Hasandedic) بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى دىيور نەپس بۇيۇملار دۇكىنىنىڭ دېرىكتورى بولغان.

 

كېلىنچەك مەيدانغا كىرگەندە قەدىمىي روللىس رويىس ماركىلىك ھەشەمەتلىك ماشىنا مەكتەپ قوروسىغا ھەيدەپ كىرىلىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان.

 

ئۇلار تويىغا 250 باينى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ مېھمانلارنىڭ ئومۇمىي مال-مۈلۈكى 6 مىليارد ئاۋسترالىيە دوللىرىغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 30 مىليارد 800 مىليون يۈەن) يېتىدۇ. بۇ مېھمانلار ئارىسىدا يەنە داڭلىق شەخسلەرمۇ بار.

 

بۇ سۈرەت ئۇلارنىڭ تويى بولغان كۈنى تارتىلغان بولۇپ، ھەر ئىككەيلەننىڭ چىرايىدىن خۇشاللىق پارلاپ تۇرىدۇ.

 

كۈيئوغۇل كېلىن ۋە قىز قولداشلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن.

 

بۇ سۈرەتتىن ئۇلارنىڭ نىكاھىدىن تولىمۇ رازى بولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

 

توي مۇراسىمىدا كېلىن يولدىشىنىڭ ئۆزىگە مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، يەنە كېيىنكى ئۆمرىدە بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

1120983444_14949410511041n.jpg
1120975964_14948414071471n.jpg
1120970787_14947864865701n.jpg
1120983920_14949774324471n.jpg
1120976357_14948469291541n.jpg