ياپونىيە يىلان شەكىللىك ماشىنا ئادەم ياساپ چىقتى، خەتەر، ئاپەتلەردىن قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ
0
2017-06-14 10:24:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىل 12-ئىيۇن، ياپونىيە مىياگى ناھىيەسىنىڭ سېنداي شەھىرىدە ياپونىيە شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يىلان شەكىللىك ماشىنا ئادەمنى كۆرسەتمەكتە.

ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق جايلاردىن تەشكىللەنگەن ئۆمەك يىلان شەكىللىك ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، بۇ «يىلان» كامېرا ئورنىتىلغان ئۇچىنى ھاۋا پۈركۈپ كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئالغان ئىلگىرىلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خارابىلىك ئىچىدە ئاختۇرۇپ ئىزدەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بولىدىكەن. 12-ئىيۇن تاراتقۇلارغا ئېلان قىلىنغان بۇ ماشىنا ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن قۇرۇلۇشلار ئىچىدە تۇرغاندا ئەھۋالنى ئاسانلا ئىگىلىيەلەيدىغان بولۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. ئۆمەك بۇ ماشىنا ئادەمنى ئۈچ يىلدىن كېيىن ئەمەلىي ئىشلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ.