تەبىئەت دۇنياسىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كومېدىيەلىك سۈرەتلىرى
0
2017-07-13 15:13:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

ئالدىنقى كۈنى، 2017-يىللىق ياۋايى ھايۋانلار كومېدىيەلىك فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدا ھەر قايسى ھايۋانلارنىڭ قىزىقارلىق ھالەتلىرى تەسىۋىرلەنگەن بولۇپ، كىشىگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلاتتى. بۇ قېتىملىق يۇمۇرسىتىك ئېلېمېنتلار يۇغۇرۇلغان فوتو ئەسەرلەر كىشىلەرنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

قېنى بىز بۇ ئوماق ھايۋانلارنىڭ قىزىقارلىق ھالەتلىرىنى كۆرگەچ، «يۈرەك سۆزلىرى»گىمۇ قۇلاق سالايلى:

«يو، يو چېكېنوۋ... بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيدە مەشرەپ! كېلىڭلار ھە، كېلىڭلار»

«ئا...... ئىسسىقلىرىڭ ھار كەلدى دۇنيا!!!!!!»

«بالام، قارا ھە، ساڭا ئايروپىلان ئېلىپ بېرەي».

«ۋۇييۇ، مەن نېمىنى كۆرۈپ قالدىم، پاھ، ئاۋۇ گۈزەلنى قارىمامدىغان...»

«ۋاييەي... خەقنىڭ مەخپىي گېپىنى تىڭشايمەن دېگەنگە تويە، قانداق قىلاي ئەمدى».

«باشقا ئىش يوق، شۇ سالقىنداي دەپ».

-ئانىمەي،،، نېمە دەيدىغانسەن ئەمدى، راست شۇنداق ئىش بولۇپتىما؟

-ھە، دەيمەن، ئىشەنمىسەڭ بوپتۇ!

«ماۋۇ نەرسە نەدىن پەيدا بولدى ئەمدى، بىكاردىن-بىكار تاقىشىپ»

«مەن قاراڭغۇ كېچىدىكى يورۇقلۇق ئەلچىسى».

«بۇ كىشىلەر نېمىگە قاراۋاتقاندۇ، ھە!»

-كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ئاداش، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

-ھەي... گەپقۇ شۇنداق كېلىدۇ ئاداش، بىراق بىلەمسەن، مۇشۇنىڭ بىلەن 36-قېتىم رەت قىلىندىم، قانداق قىلسام ئۇ مېنى قوبۇل قىلار؟

«نېيييي... ما ئىسسىق نېمە دەيدۇ بالىلار، ئا...»

«بەدەن چېنىقتۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق»، دەپتىكەن كونىلار.

-ساڭا نەچچە قېتىم دېدىم، خەقنىڭ قىزىغا چاقچاق قىلما دەپ، يەنە گەپ ئاڭلىماپسىنا!

-دائىم مېنىلا مۇشۇنداق دەيدىكەنسەن، ئەجىبا، ياش ۋاقىتڭدا دادام ساڭا چاقچاق قىلمامتى؟

-نېمە دېدىڭ!!!!

-ھېچ...ھېچنېمە مەن مۇنداقلا دەپ قويدۇم، شۇ...

 

W020170711531146599808.jpg