ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل DNA گە ئىگە ئەنگلىيەلىك ئانا
0
2017-07-16 15:01:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بالىنىڭ ئۆز ئانىسىغا نىسبەتەن بالىسى بىلەن بىئولوگىيەلىك گېن تەرەپتىن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولىدۇ، ھەم كۆپچىلىكىمىز مۇشۇنداق قارايمىز. DNA ئارقىلىق ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىنى باھالاشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %99.9999 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بۇنداق مۇناسىۋەت ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولىدۇ، بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بولسا ئەنگلىيەلىك بىر ئايال ئ‍ۆز بالىسىغا DNA ئارقىلىق ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىنى باھالاش قىلدۇرغاندا ئويلىمىغان يەردىن DNA سى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان چىقىپ قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق دېيىلگەن. بۇ نەتىجىگە ئۇ ئانىلا ئەمەس ھەممەيلەن ھەيران قالغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇ ئانىغا خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، يولدىشى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-پاراۋانلىقىغا ئ‍ېرىشىۋاتقان بۇ ئانا بالىسى بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق، دەپ قارىلىپ، سوت مەھكىمىسىمۇ بۇ ئانىنى «بالا بۇلاپ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-پاراۋانلىقىنى ئالداپ ئېلىۋالغان» دەپ قارىغان. بىراق بۇ ئانا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەنە بىر بالىغا ھامىلدار بولغان، ئىسپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تۇغۇت جەريانى پۈتۈنلەي سۈرەتكە ئېلىنغان. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەۋرىشكە ئېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن. سوت مەھكىمىسى ۋە دوختۇرخانىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى بولسا DNA نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش چىقمىغان.

ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن دوختۇر بۇ ئىشنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، تەتقىقات نەتىجىسىدىن بۇ ئانىنىڭ كىمېرا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. ماھىيەتتىن ئېيتقاندا كېمىرا دېگىنىمىز ئىككى ياكى كۆپلىگەن «يەككە» لەردىن تۈزۈلگەن بىئو ئورگانىزم. ئۇنىڭ چېچى ۋە تېرىسىنىڭ DNA سى بىلەن بالىياتقۇسىنىڭ DNA سى تامامەن ئوخشىمايدىكەن. شۇڭا DNA تەكشۈرۈش نەتىجىسى بالىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان چىقىپ قېلىپ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئۇقۇشماسلىقلار كېلىپ چىققان.

شۇڭا قانداشلىق مۇناسىۋىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەندە بىز ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق قىلماي تەمكىنلىك بىلەن تەپسىلىي تەكشۈرتۈشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ ئائىلە تۇرمۇشىمىزغا ۋە باشقا ئىشلارغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك.

未命名.jpg
1121391592_15011576740571n.jpg