ئائىلە ماشىنا ئادەملىرى كۆزگە چېلىقمىغاندىلا ئاندىن قوبۇل قىلىنالايدۇ
0
2017-07-16 17:20:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

سىزنىڭ قانچە دانە كومپىيۇتېرىڭىز بار؟ ئەگەر سىزنىڭ جاۋابىڭىز «ئۈچ» بولسا (ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، تاختا كومپىيۇتېر ۋە خاتىرە كومپىيۇتېر) ئۇنداقتا سىز يەنە كۆپلىگەن باشقا تىپتىكى كومپىيۇتېرلارغا سەل قارىغان بولىسىز. مەسىلەن سىز ماشىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيۇتېر، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيۇتېر، تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيۇتېر، ھەتتا لامپۇچكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيۇتېر قاتارلىقلارغا دىققەت قىلمىغان بولىسىز. بۇ سان يەنە يىلمۇ يىل ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بىز كۆرەلەيدىغان كومپىيۇتېرلار ئومۇمىي كومپىيوتېرلارنىڭ پەقەت ئاز بىر قىسىمدىنلا ئىبارەت.

يەنە زور تىپتىكى كومپىيۇتېرلار سىز بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا جىمجىت خىزمەت قىلىدۇ. سىزنىڭ ئۇلارنى بىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سىزگە كېرەك بولغىنى ئۇلارنىڭ خىزمەتنى ياخشى قىلىشى خالاس. Roombaنىڭ ئىجاتچىسى Joe Jonesنىڭ قارىشىچە، ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەملەرمۇ مۇشۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى لازىم ئىكەن، چۈنكى ئىستېمالچىلار غوڭۇلداپ تۇرىدىغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرۈشىنى ياقتۇرمايدىكەن. ئۇلار پەقەت پاكىز مۇھىتنى كۆرۈشنى خالايدىكەن، ئىنسانلار ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرىگە ياخشى خىزمەت قىلىشنى خالايدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يولىنى توسۇۋېلىشنى خالىمايدىكەن.