رەڭدار چىراغلار كۆزنى قاماشتۇرغان بايرام تەنتەنىسى
0
2017-08-10 15:29:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

8-ئاۋغۇست، شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرى ئەتراپىغا توغرا كېلىدىغان لېمان كۆلى بويىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەسى

ساياھەتچىلەر جەلپ قىلىش ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، جەنۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى ھەر يىلى ياز پەسلىدە «جەنۋە بايرىمى»نى ئۇيۇشتۇرىدۇ. تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاساسلىقى جەنۋە شەھەر ئەتراپىغا توغرا كېلىدىغان لېمان كۆلىنىڭ U شەكىللىك كۆل بويىدا ھەرخىل تەبرىكلەش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ھازىرلاش، ئۈستى ئوچۇق مۇزىكا كېچىلىكى ۋە گۈلخان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ يىلقى «جەنۋە بايرىمى» 3-ئاۋغۇست باشلانغان بولۇپ، ئۇدا 10 كۈن داۋاملىشىدىكەن.