ئەڭ بىمەنە كىنو
0
2017-08-11 19:05:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تارىختىكى ئەڭ بىمەنە، ئۇزۇنلۇقى 8 سائەت كېلىدىغان، ئاستا ھەرىكەتلىك فىلىم «قوي ساناش» نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى سېنتەبىردە لوندوندىكى چارلىز شاھزادە كىنوخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشقا ھېچقانداق ئارتىس قاتناشمىغان، فىلىمدە دىيالوگ ياكى ياندىن بايانمۇ يوق ئىكەن. فىلىم مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى بىلەم ھېسابلىشىپ كەتمەيدىكەن، پەقەت بۇ فىلىمنىڭ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە ياردىمى تېگىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

فىلىم ئىشلىگۈچى پېتېر فىرېدمان بۇ فىلىمنىڭ تارىختىكى ئەڭ بىمەنە فىلىممۇ ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىزمۇ شۇنداق دەپ قارايمىز، كۆرۈرمەنلەرنىڭمۇ شۇنداق ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.