تاڭسىڭنى كەلتۈرەلمىگەن «توشقان جىن» چەتئەللىككە ياتلىق بوپتۇ
0
2017-10-13 08:49:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

«غەربكە ساياھەت»نىڭ 1987-يىلى ئىشلەنگەن نۇسخىسىدا «توشقان جىن»نىڭ رولىنى ئېلىپ، شالىۋو ناملىق ناخشىسى بىلەن تونۇلغان لى لىڭيۈ تالانتلىق ئارتىس بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئاۋازى يېقىملىق گۈزەل ناخشىچى. ئۇنىڭ «شەرقتىكى يېڭى يۇلتۇز لى لىڭيۈ» ناملىق پىلاستىنكىسى خېلى بازار تاپقان. «غەربكە ساياھەت» ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئېكرانغا چىققان فىلىمى ھېسابلىنىدۇ.

لى لىڭيۈ ئەينى يىللىرى خېلىلا نام قازانغان چولپان ئىدى، ئۇ كىچىكىدىنلا ئۆزلىكىدىن «جېجياڭ يەرلىك تىياتىرى»نى ئۆگىنىپ، ناخشا ئورۇنلاشتا بەلگىلىك كامالەتكە يەتكەن. ئۇنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى توپلام قىلىنغان پىلاستىنكىسى «甜甜甜»نىڭ سېتىلىش مىقدارى 8 مىليوندىن ئاشقان. ئۇنىڭ 88 دىن ئارتۇن شەخسىي پىلاستىنكىسى بار.

كەسپتە ئۇتۇق قازانغان لى لىڭيۈنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى تولىمۇ ئېگىز-پەس. ئەينى يىلى لى لىڭيۈ كەسپى ئۈچۈنلا ئۇيان-بۇيان چېپىپ يۈرۈپ، يولدىشى بىلەن كۆرۈشۈشى ئاز، ئايرىلىشى كۆپ بولۇپ كەتكەن. يەنە تېخى ئۇ مەبلەغ سالغان سودا يۈرۈشمەي، بەك كۆپ زىيان تارتىپ كەتكەن، شۇ سەۋەبتىن يولدىشى بىلەن ئاجراشقان. نىكاھ ۋە سودا ئىشىدا مەغلۇپ بولغان لى لىڭيۈ كاناداغا ئوقۇشقا كەتكەن.

كانادادا ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق مۇھەببىتىنى باشلىغان. ئۇ كانادادىكى مېيكاڭ مەبلەغچىلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى جېررىي بىلەن تونۇشۇپ، ئۈچ يىل ئارىلاشقاندىن كېيىن نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويغان. ئىككىنچى يىلى بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان.

لى لىڭيۈنىڭ يولدىشى جېررىينىڭ بىرقانچە دۆلەتتە تارماق شىركىتى بولغاچقا، داۋاملىق ئۇ يەر بۇ يەرگە بېرىپ ئالدىراشلا يۈرىدىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئايالىغا كۆيۈنۈپ، رومانتىكلىق بىلەن تۇيۇقسىز خۇش قىلىپ تۇرىدىكەن.

كەينىدىنلا، 2005-يىلى لى لىڭيۈ 5 ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشى بىلەنلا، تاماشا ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان. بەزىلەر چەتئەللىك يولدىشى تاشلىۋېتىپتۇ-دە، دەپ گۇمان قىلىشقان. ئەمما لى لىڭيۈ بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمىغان.

يەنە بىر مەزگىل ئۆتۈپلا لى لىڭيۈنىڭ يەنە بىر «چەتئەللىك ئەر كىشى» بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. تاماشا ساھەسى يەنە بىر قېتىم چوغ چۈشكەن ماي باكىدەك پارتلاپ كەتكەن. يەنە بىر چېگرا ھالقىغان مۇھەببەت! ئەمما، بۇ قېتىم لى لىڭيۈ ئۆزىنىڭ ئەسلا ئاجراشمىغانلىقىنى، بۇ ئەرنىڭ دەل ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى جېررىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. جېررىي بۇرۇنقىدىن سەمرىپ كەتكەچكە، شۇنداقلا ئەينى يىلىدىكى سۈرەتلىرى دۆلەت ئىچىدە ئوچۇقراق تارقالمىغاچقا، تاراتقۇلار ھەم مەستانىلەر بۇ ئىككى سۈرەتتىكى كىشىنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىگەن.

لى لىڭيۈ ئاشكارا ھالدا مۇنداق دېگەن: يولدىشىم ھەقىقەتەن باي، ئەمما ئىككىمىز تۇرمۇش قۇرغىلى شۇنچە يىل بولغان بولسىمۇ، زۆرۈر چاغدا ياردەم قىلىشقاندىن باشقا، ھەرقانداق ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز.

لى لىڭيۈنىڭ ئوغلى بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 1.90 مېتىر، ئۆزى تولىمۇ كېلىشكەن. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشى قارىماققا ئوغلى ئۈچۈندەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئوغلىنىڭ تاماشا ساھەسىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.