ئامېرىكىدىكى «ئۇزۇن تىرناق گۈزەل ئاياللار تەشكىلاتى»
0
2017-10-13 08:52:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

AOL تور بېكىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا «ئۇزۇن تىرناق گۈزەل ئاياللار تەشكىلاتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات بار بولۇپ، بۇ تەشكىلات تىرنىقى ئۇزۇن 30 نەپەر قىز-ئايالدىن تەشكىل تاپقان، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بۇ قىز-ئاياللار قەرەللىك تۈردە يېڭى جېرسىي شىتاتى نىيۇۋارك (Newark) شەھىرىدىكى مەلۇم تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش سالونىغا جەم بولۇپ، ئۇزۇن تىرناق تۇرمۇشىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئۆز ئارا ھەمبەھىرلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

بۇ تەشكىلاتتىكى قىز-ئاياللارنىڭ تىرنىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاساسەن 5 سانتىمېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، يەنە بەزىلەرنىڭ تىرنىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەتتا نەچچە ئون سانتىمېتىرغا يېتىدۇ.

ئۇلار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش سالونىغا بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 8 سائەت ۋاقتى سەرپ قىلىپ تىرنىقىنى چىرايلىق ياسىتىدۇ. ھەر خىل رەڭلەردە بويالغان بۇ ئۇزۇن تىرناقلار ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ.

مارىيە ئورتىز (Maria Ortiz) ئىسىملىك تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى بۇ تەشكىلاتتىكى قىز-ئاياللارنىڭ تىرنىقىنى ئۇزۇندىن بېرى ياساپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ قىز-ئاياللارغا ئۇزۇن تىرنىقىنى قانداق ئاسراپ، سۇنۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش شۇنداقلا ئۇزۇن تىرنىقىنى قانداق رەڭلەردە بوياپ ياساش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىپ كەلگەنىدى.

مارىيە ئورتىز ئىسىملىك بۇ ھۈنەرگە پىشقان تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش جەريانى سىنغا ئېلىنغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى قەرەللىك تۈردە تورغا چىقىرىپ ھەمبەھىرلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى نەچچە يۈز مىڭ ئادەم زىيارەت قىلغان.

بۇنچە كۆپ ئۇزۇن تىرناقلىق «گۈزەل خانىملار»نىڭ بىر جايغا توپلىنىشى ھەقىقەتەن ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنداققۇ؟