ئايروپىلانى كېچىكتۈرۈلگەن يىگىت ئايرودرومدا ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ چاڭ چىقىرىۋەتتى
0
2017-10-13 08:55:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

يېقىندا، ئايروپىلانى كېچىكتۈرۈلگەن ئامېرىكىلىق بىر يىگىتنىڭ يېڭى ئورلىئان خەلقئارا ئايرودرومى (Louis Armstrong New Orleans International Airport) دا قىزىقارلىق ناخشىلارنى ئورۇنداپ ئايرودرومنى چاڭ كەلتۈرۈۋەتكەن كۆرۈنۈشى توردا قىزىپ كەتكەن. بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ توردىكى زىيارەت قېتىم سانى 15 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن ھەم نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قىزغىن بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.

بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى مايك ۋادالا (Mike Vadala) ئىسىملىك بىر يولۇچى سىنغا ئېلىۋالغان ھەم مىكروبىلوگ تورىغا چىقارغان. سىن كۆرۈنۈشىدىكى بۇ يىگىت ئايرودروم خادىمىنىڭ قولىدىكى مىكروفوننى ئېلىۋىلىپ بىر ياقتىن ناخشا ئېيتىپ بىر ياقتىن ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆتكەن ئەسىردىكى قارا كوچا (Blackstreet) مۇزىكا ئەترىتىنىڭ «شۈبھىسىز» (No Diggity ) ناملىق كىلاسسىك ناخشىسىنى ئورۇنداپ پۈتكۈل ئايرودرومدىن چاڭ چىقىرىۋەتكەن.

بۇ يېقىملىق ھەم رېتىمى تېز ناخشا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ( يەنە 1996-يىلى) ئامېرىكىدىكى ئېلان تاختىلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، پۈتكۈل ئامېرىكىنى قاپلىغان. ئەينى چاغدا كاتتا ئۇتۇق قازىنىپ داڭ چىقارغان بۇ ناخشا «چولپان يولۇچى يىگىت» تەرىپىدىن قىزىقارلىق ھالدا ئورۇندىلىپ پۈتكۈل ئالاقە تورىدا قاتتىق داڭق چىقارغان. نەق مەيداندا تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشىدىن بۇ يىگىتنىڭ ناھايىتى ئېسىل نومۇر ئورۇنداپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاچقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ يىگىتنىڭ ئاۋازى يېقىملىق، يەنە كېلىپ ناخشىنىڭ رىتىمى تېز بولغاچقا، نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى بىراقلا كۆتۈرۈپ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋەتكەنىدى. بۇ يىگىت يەنە ناخشا رېتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ھەركەتلىرى ناھايىتى تەبىئىي ھەم پىشقانىدى.

بۇ يىگىتنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىمۇ كۈلدۈرۈۋەتكەن بولۇپ، ئايرودروم خىزمەتچىلىرىمۇ بىر چەتتە تۇرۇپ بۇ يىگىتكە ماسلىشىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشقا چۈشۈپ كەتكەن.

ئەينى چاغدا ئايروپىلانى كېچىكتۈرۈلۈپ بۇرۇختۇم بولۇپ ئولتۇرغان يولۇچىلار بۇ يىگىتنىڭ نەق مەيداندا ئورۇندالغان ئېسىل نومۇرلىرىنى كۆرۈپ ئازراقمۇ زېرىكمىگەن، نەق مەيداندىكى يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىگىتنىڭ نومۇرىغا جەلپ بولۇپ قالغان. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ «چولپان يولۇچى يىگىت»نىڭ ناخشا ئاۋازىغا قايىل بولۇپ، ئۈزۈلدۈرمەي چاۋاك چېلىپ، ئىسقىرتىپ ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن. ناخشىنىڭ نەقرات قىسمىغا كەلگەندە، نەق مەيداندىكى بىر قىسىم يولۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ كەتكەن، نەق مەيدان بەئەينى كىچىك تىپتىكى ناخشا كېچىلىكىگە ئوخشاش ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتقا تولغان.

بۇ يىگىت كەينىدىن ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا غەربىي جەنۇپ ئاۋىياتسىيە شىركىتى (Southwest Airlines) خادىملىرىنىڭ «ئەگەر ئايروپىلاننىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبىنى ئۇقماقچى بولسىڭىز، نەق مەيداندىكى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا چوقۇم بىر ناخشا ئورۇنداپ بېرىشىڭىز لازىم» دېگەن شەرتىگە ئاساسەن ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىگىت ھەقىقەتەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتقانىدى، يەنە كېلىپ ناھايىتى ئېسىل نومۇر ئورۇنداپ بەرگەنىدى. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ يىگىتنىڭ ناخشىسىغا ئەگىشىپ ئايروپىلان كۈتۈش جەريانىدىكى بۇرۇختۇملۇق ۋە زىرىكىشلىك كەيپىيات قاياغلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتكەنىدى.