ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنىدىكى ئوغۇل بوۋاقنى تاشلىۋېتىدىغان غەلىتە قەبىلە
0
2017-11-14 17:19:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنىدۇر، ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئامازون ئويمانلىقىغا جايلاشقان، كۆلىمى 7 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر. يامغۇرلۇق ئورمان بىرازىلىيە، كولومبىيە، پېرۇ، ۋېنسۇئېلا، ئىكۋاتور، بولىۋىيە، گىۋىيانا، سۇرىنام قاتارلىق سەككىز دۆلەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرازىلىيەدىكى يامغۇرلۇق ئورماننىڭ كۆلىمى ھەممىدىن چوڭ بولۇپ، پۈتۈن ئورماننىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ.

ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى ناھايىتى سىرلىق، بۈك-باراقسان ئورماندا ھەر خىل جانلىقلار بار، بۇ يەرنىڭ يەنە «دۇنيانىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك پادىشاھلىقى» دېگەن چىرايلىق نامى بار، شۇڭا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر بۇ يەرگە ئۆمرىدە بىر قېتىم بولسىمۇ بېرىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، كىشىلەر بۇ يەردىكى سىرلارنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدۇ-يۇ، ئەمما ئەمما ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ.

بۇ يەردىكى كەنتلەرمۇ ناھايىتى قەدىمىي، كىشىگە ئىپتىدائىي جەمئىيەتكە بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، بۇ يەردىكى كىشىلەر زامانىۋى ئادەملەر بىلەن ئەسلا چىقىشالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى بار، بىر قىسىم ئىپتىدائىي كەنتلەرنىڭ ئادىتى تېخىمۇ ئۆزگىچە.

مانا مۇشۇ سىرلىق ئورماندا غەلىتە ئادىتى بار بىر قەبىلە بار، بۇ قەبىلىدە ئەرلەر يوق، پۈتۈن قەبىلىنىڭ ھەممىسى ئايال كىشى، بۇ قەبىلىدە ئاياللار ئۆزىگە-ئۆزى خوجا، ئوتۇن كېسىش، ئوۋ ئوۋلاش، باشقا قەبىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاياللار قىلىدۇ.

بۇ يەردە تۇغۇلغان قىزلارنىڭ ھەممىسى جەڭگىۋار ئەسكەرلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر، ھەرىكىتى چاققان، ئۇلار يامغۇرلۇق ئورماندا خۇددى مايمۇندەك چەبدەس، شۇڭا باشقىلار قەبىلىلەرمۇ ئۇلار بىلەن دۈشمەنلىشىشكە پېتىنالمايدۇ.

ئۇنداق ئۇلار قانداق ئەۋلاد قالدۇرىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى بىرلا ئېغىز گەپ، يەنى «بۇلاش». ئۇلار ئالدى بىلەن قايسى قەبىلىدە قاۋۇل ۋە چەبدەس ئەرلەرنىڭ بارلىقىنى كۆزىتىدۇ، ئاندىن ئۇ قەبىلىگە ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە كۈچلۈك ئەرلەرنى ئۆزىنىڭ قەبىلىسىگە بۇلاپ كېلىدۇ، كېيىن ئاشۇنداق ئەرلەرنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ، ئۆزىنىڭ بويىدا قالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئۇ ئەرنى قويۇۋېتىدۇ.

ئەمما ئاشۇنداق كۈچلۈك ئەرلەر بار قەبىلىلەر بۇ قەبىلە بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا نەتىجىسى قانداق بولار؟ جاۋاب شۇكى، چوقۇم يېڭىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى بۇلاپ كەتكەن ئاياللارنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بولۇپ بولغاندىن كېيىن قويۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا ھېچقانداق قارشىلىق قىلمايدۇ، بۇنى ئۇرۇش قىلماي مەغلۇپ بولۇش دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. مۇبادا ئۇلارغا قارشىلىق قىلىپ قالسا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى ئۆزىگىمۇ ئايان.

بوۋاق تۇغۇلغاندا تۇنجى بولۇپ بوۋاقنىڭ ئوغۇل، ياكى قىزلىقىغا قارايدۇ، مۇبادا ئوغۇل بولۇپ قالسا ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قاراڭغۇ ئورمانغا ئېلىپ بېرىپ تاشلىۋېتىدۇ، بوۋاق ئۇ يەردە ئۇزۇن ئۆتمەيلا جېنىدىن ئايرىلىدۇ، چۈنكى ئورماندا ھەر خىل ياۋايى ھايۋانلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلار بار. مۇبادا قىز بوۋاق بولۇپ قالسا كۆڭۈل قويۇپ باقىدۇ، ئۇنى قورقۇمسىز «ئەسكەر» قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىدۇ.

W020171114487754922715.jpg
W020171113371751262733.jpg
W020171113371473283003.jpg
1121941083_15104898768741.jpg