ئاۋسترالىيەدىكى ياۋا كېنگورۇلار قوغداش رېشاتكىسى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىۋاتماقتا
0
2017-11-25 12:27:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

ياۋا كېنگورۇ ئىزچىل ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ پەخرى بولۇپ كەلدى. مەيلى يەرلىك ئاھالىلەر بولسۇن، مەيلى ساياھەتچىلەر بولسۇن ھەممىسىلا بۇ ئەقىللىق ۋە ياۋاش ھايۋاناتقا ئاسانلا ئامراق بولۇپ قالىدۇ.

ئاۋسترالىيە كىۋېنسلەندە ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت 30 نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 200 مىليون يۈەن) خەجلەپ ئۇلارنى لالما ئىتلاردىن قوغدايدىغان رېشاتكا ياسىدى. بىراق، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان يېرى، ياخشى كۆڭۈل بىلەن ياسالغان بۇ رېشاتكىلار ئاخىرىدا ياۋا كېنگورۇلارنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى.

لالما ئىتلاردىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن ياسالغان رېشاتكىلار كېنگورۇلارنىڭ سۇ، يېمەكلىك مەنبەسى ۋە ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلەپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئامالسىز چارۋىلارغا تەييارلانغان ئوت-چۆپلەرنى يېدى، بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن چارۋىچىلىق مەيدان غوجايىنلىرى ئۇلارنى يوقىتىشقا ئاتلاندى.

شۇ جايدىكى ئاھالىلەردىن بىرى كېنگورۇلار كۆچۈشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن نۇرغۇنىنىڭ ئاچلىق ياكى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بەزىلىرىنىڭ بەدەنلىرىدە تېخى ئوق تەگكەن ئىزلار روشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

يەنە بەزى ئاھالىلەر بىر قىسىم دېھقانلىق مەيدان غوجايىنلىرىنىڭ ئۇرىيەلەرنى كېنگورۇلار دائىم سۇ ئىچىدىغان كۆلگە تۆككەنلىكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

شۇ جايدىكى ئاھالىلەردىن ئىككىسى رېشاتكىنىڭ يېنىدا ماڭغاچ پاراڭلاشماقتا. نۇرغۇن ئادەم ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن كېنگورۇلارنىڭ ھامان بىر كۈنى نەسلى قۇرۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىمۇ رېشاتكا ياساشنى قوللىمايدۇ. چۈنكى زەھەرلىنىپ ئۆلگەن كېنگورۇلارنىڭ گۆشىنى ئۇلارمۇ پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالىدۇ.