68 ياشلىق ئەر ئايروپىلان پاچاقلىنىش ۋەقەسىدە مۆجىزىلەرچە ھايات قالدى
0
2018-01-11 17:03:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

9news ئاخبارات تورىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيەنىڭ كۋېنسلاندتىن كەلگەن ھۇگ دىكېنسون (Hugh Dickenson) بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېقىندا ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئۆزىنى ياللىغان ئۆينىڭ گۈللۈكىدە گۈللەرنى قىرقىپ پەرۋىش قىلىۋاتقاندا، يېنىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان ئۇنىڭ يېنىغىلا چۈشۈپ پاچاقلانغان. بۇ «ئۇچۇپ چۈشكەن ئاپەت» ئۆيلەرنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغان، ئەمما خارابىلىكتىن ئۆمىلەپ چىققان دىكېنسون ئازراقلا يارىلانغان.

بۇ ئايروپىلاننى ھەيدىگەن ئۇچقۇچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توغرا يۆنىلىشلىك شامال يۆنىلىشىنىڭ تەسىرىدە ئايروپىلان برىسباندا شىمالغا تەخمىنەن 280 كىلومېتىر كېلىدىغان ھېرۋېي قولتۇقى (Hervey Bay) غا يېقىن جايدا ئۇچۇش لىنىيەسىدىن چەتنەپ كەتتى.

لېكىن بەختكە يارىشا، يەرگە چۈشۈپ پاچاقلانغان ئايروپىلان بىلەن «يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقان» دېكېنسون مۆجىزىلەرچە ھايات قالغان ھەمدە ئېغىرمۇ يارىلانمىغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغان.

نەق مەيداندىكى ساقچى ئەمەلدارى گلېن لۇستېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «دىكېسوننىڭ بۇ ۋەقەدە ئېغىر يارىلانمىغانلىقىغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.». ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان يەرگە چۈشۈپ پاچاقلانغاندا دەل-دەرەخ ۋە ئىمارەتلەرگە سوقۇلغان زەربە ئىنتايىن زور بولىدۇ، بۇ زەربىدە ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ كۈچلۈك زەخىمگە ئۇچرايدۇ، ئەمما دىكېنسون پەقەت يېنىك يارىلانغان.

ھادىسە يۈز بەرگەن چاغدا، ئۆي ئىگىسى تېرىي ئادامس (Terry Adams) ئىشلەۋاتقان ئىكەن، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن بىر تېلېفون قوبۇل قىلدىم، باشقىلار ئۆيۈڭدە بىر ئايروپىلان پەيدا بولۇپ قاپتۇ، دەرھال ئۆيگە قايتىپ كۆرۈپ باق» دېدى. گەرچە ئۆي ۋەيران بولغان بولسىمۇ، لېكىن تېرىي مۇنداق دېدى: قەدىناس دوستۇم دىكېنسونغا ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى بىلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، ئۆي مۇھىم ئەمەس..