ئىچكى موڭغۇل يايلىقى ئاسمىنىدا كۈن قوتىنى مەنزىرىسى ھاسىل بولدى
0
2018-01-11 17:42:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

نۆلدىن تۆۋەن 35 گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇقنىڭ تەسىرىدە ئىچكى موڭغۇل يايلىقىنىڭ ئاسمىنىدا ئۈچ قۇياش تەڭلا كۆرۈنۈشتەك ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندى. 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇجۇرمىچىن خوشۇنى بىلەن خولىنگېل خوشۇنىنىڭ كېسىشكەن بۆلىكىدە قىشلىق پارېلېئون ھادىسىسى كۆرۈلدى. يەرلىك چارۋىچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 2018-يىلى كىرگەندىن بۇيان يايلاقتا كۆرۈلگەن تۇنجى قېتىملىق كۈن قوتانلىشىش ھادىسىسى ئىكەن. نۇرغۇن فوتوگرافلار قاتتىق سوغۇققا قارىماي بۇ قېتىملىق كۈن قوتانلىشىش ھادىسىسى ۋە بۇنىڭ تەسىىرىدە كۆرۈلگەن ئۈچ قۇياش تەڭ كۆرۈنۈشتەك ئۆزگىچە مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.

كۈن قوتانلىشىش ھادىسىسى- قۇياش نۇرىنىڭ بۇلۇت قاتلىمىدىكى مۇز كىرىستالىدىن ئۆتكەندىن كېيىن نۇرنىڭ سۇنۇشى ياكى قايتىشىدىن شەكىللەنگەن ئوپتىكىلىق ھادىسە بولۇپ، قۇياشنى چۆرىدىگەن رەڭلىك ھالقا شەكىللىنىدۇ. قۇياش نۇرى بۇلۇت قاتلىمىدىكى مۇز كىرىستالىدىن ئۆتكەندىن كېيىن قايتقان نۇر ئادەمنىڭ كۆزىگە ھالقىسىمان ياكى يايسىمان نۇر گەردىشى بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ئادەتتە بۇ نۇر گەردىشى يەتتە چەمبەردىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئىچىدىكى ھالقا قىزىل رەڭدە، ئەڭ سىرتىدىكى ھالقا سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ، بۇ يەنە قۇياش گەردىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

قىش پەسلىدىكى ئاسماندا زور مىقداردىكى سۇ ھورى يىغىلغان بولىدۇ، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا سۇ ھورى ئاسماندا بۇجغۇر توپ بۇلۇتى ياكى بۇجغۇر قاتلاملىق بۇلۇتى بولۇپ شەكىللىنىدۇ. بۇنداق بۇلۇت قاتلىمىدا زور مىقداردىكى سۇ ھورى يىغىلغان بولىدۇ، سۇ ھورى سوغۇق ھاۋاغا يولۇققاندىن كېيىن مۇزلاپ، مۇنتىزىم ئالتە قىرلىق مۇز كىرىستالىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قۇياش گەردىشىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سىمىمېتىرىك نۇقتىدا مۇشۇنداق سانسىزلىغان مۇز كىرىستاللىرى خۇددى ئەينەك پارچىسىغا ئوخشاش قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇپ، ئاسماندا بىر نەچچە قۇياش كۆرۈنگەندەك خىيالى مەنزىرىنى پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ ئاجايىپ ۋە ئۆزگىچە قىشلىق پارېلېئون ھادىسىسىدۇر!

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى بۇ قېتىملىق كۈن قوتانلىشىش ھادىسىسى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 20 مىنۇتتىن 9 دىن 50 مىنۇتقىچە يېرىم سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، سائەت ئوندىن كېيىن بۇ خىل ئۆزگىچە مەنزىرىمۇ ئاخىرلاشقان.