چىن شىخۇاڭنىڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى چوڭ تىپتىكى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى لىۋېرپولدا ئۆتكۈزۈلدى
0
2018-02-13 10:41:00
|
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

جۇڭگو شەنشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىلەن ئەنگلىيە لىۋېرپول دۆلەتلىك مۇزېي بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «چىن شىخۇاڭ ۋە لەشكەر- ئات ھەيكەللىرى كۆرگەزمىسى» 9 –فېۋرال لىۋېرپول دۆلەتلىك مۇزېيدا رەسمىي ئېچىلدى. بۇ لەشكەر-ئات ھەيكەللىرىنىڭ 11 يىلدىن كېيىن ئەنگىلىيەدە يەنە بىر قېتىم كۆرگەزمە قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى جەمئىي 125 دانە (گۇرۇپپا) بولۇپ، ئىچىدىكى 120 دانە (گۇرۇپپا)سى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، بەش دانە(گۇرۇپپا)سى قوشۇمچە كۆرگەزمە بۇيۇمى ئىكەن. كۆرگەزمە مەزمۇنى چوڭ تىپتىكى چىن سۇلالىسى لەشكەر-ئات ھەيكەللىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەمىنىيە-يېغىلىق، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ساپال بۇيۇملار، برونزا قوراللار، ئالتۇن-كۈمۈش، قاشتېشى بۇيۇملارمۇ بولۇپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ئىكەن.

1122404918_1518391986499_title0h.jpg
企业微信截图_20180209160714.png
企业微信截图_20180209160550.png