ئىككى مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن «غەلىتە» دولقۇن
0
2018-02-13 14:30:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئاۋسترالىيەدىكى دولقۇنسىمان تاشنىڭ «دۇنيا بويىچە 8-ئورۇندا تۇرىدىغان ئاجايىپ كۆرۈنۈش» دېگەن نامى بار. بۇ چوڭ تاش شىمالدىكى 100 مېتىرلىق ھايدېن تېشى ھەمدە ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان بېگېموتقا ئوخشايدىغان بېگېموت تېشى، تۆگە تېشى قاتارلىقلارنىڭ تۇتىشىشىدىن شەكىللەنگەن يىمىرىلمەس تاغ جىنسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سىرتقا چىقىپ تۇرىدىغان بۇ تاشنىڭ شەكلى بۇزۇلۇش ئالدىدا تۇرغان، قېتىپ قالغان چوڭ دولقۇنغا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن دولقۇن تېشى دەپ ئاتالغان. بۇ دولقۇن تېشىنىڭ ئېگىزلىكى 15 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 مېتىر كېلىدۇ.

ئاۋسترالىيە قۇملۇقىدىكى دولقۇن تېشى ھازىر غەربىي ئاۋسترالىيەنىڭ يەر بەلگىسى بولۇپ قالدى. بۇ تاش ئىككى مىليارد 500 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن.

بۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق دولقۇن تېشى تۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان غايەت زور دولقۇنغا ئوخشايدۇ، ھەر يىلى 150 مىڭدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ.

بۇ دولقۇن تېشى قانداق شەكىللەنگەن؟ ئەسلىدە ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىدىكى ئېگىزلىكنىڭ ئاستىنقى قىسىمى بىر مىليارد يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن قەدىمىي گىرانىت تاش بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 550 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

بۇ گىرانىت تاش يەردىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرغانلىقتىن شامال ۋە قۇياش نۇرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق يىمىرىشى نەتىجىسىدە كېچە-كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرا پەرقى شەكىللەنگەن. بۇ تاشنىڭ سىرتقى قەۋىتىنىڭ كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى. بىراق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئىچىگە سۈرۈلۈپ بولغىچە كەچ كىرىدۇ.

تاشنىڭ سىرتقى قەۋىتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە ئىچكى قىسىمى ئىسسىقلىق تەسىرىدە كېڭىيىپ سىرتقى قەۋىتىنى ئۇپرىتىدۇ. بۇنىڭغا شامال قوشۇلۇپ مۇشۇنداق دولقۇنسىمان تاش شەكىللەندۈرىدۇ.

دولقۇنسىمان تاشنىڭ يۈزىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار كوكس ۋە ھىدروگېن تەركىبلىك يامغۇرنىڭ يۇيۇشى نەتىجىسىدە چىقىپ كېتىدۇ ھەم خىمىيەلىك رېئاكسىيە تەسىرىدە قارا، كۈلرەڭ، قىزىل، جىگەر رەڭ، مەللەرەڭ سىزىق ھاسىل قىلىدۇ.

بۇ سىزىقلار تاشنى تېخىمۇ راستتەك كۆرسىتىدۇ.

1122404918_1518391986499_title0h.jpg
企业微信截图_20180209160714.png
企业微信截图_20180209160550.png